شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىدىن كېيىنكى باياناتى سەۋەبلىك خەلقئارادا كۈچلۈك تەنقىدكە دۇچ كەلگەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېت ۋەزىپە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، قايتا ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مىشېل باچېلېت بۈگۈن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 50-قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان سۆزلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئاخىرقى قېتىملىق سۆزى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. باچېلېت ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى بۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىپ، ئۇنىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېتنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى بۇ يىل 31-ئاۋغۇست ئاخىرلىشىدىكەن. گەرچە تۆت يىل داۋاملىشىدىغان بۇ ۋەزىپىگە باچېلېتنىڭ يەنە بىر قېتىم سايلىنىش پۇرسىتى بولسىمۇ، ئۇ بۇنىڭدىن ۋاز كەچكەن، شۇنداقلا بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن. شۇنداقتىمۇ تاراتقۇلار ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىدىن كېيىن دۇچ كەلگەن خەلقئارالىق بېسىم ۋە تەنقىدلەر سەۋەبلىك، بۇ قارارنى چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
مىشېل باچېلېت 2005-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ يىل 23-مايدىن 28-مايغىچە داۋاملاشقان زىيارىتى جەريانىدا قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىدىكى بىر نەچچە ئورۇننى خىتاينىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا، يېپىق تەرىقىدە كۆزدىن كەچۈرگەنىدى. ئۇنىڭ زىيارەتتىن كېيىنكى باياناتىمۇ كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىغان بولۇپ، خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا ماسلىشىپ بەرگەنلىك، خىتاينىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىققانلىق، دەپ قارالغانىدى. خىتايمۇ ئۇنىڭ باياناتىنى ماختاپ، «ئوبيېكتىپ ۋە ئادىل يەكۈن چىقاردى» دەپ جار سالغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم