ئىستانبۇلدا خەلقئارالىق شەرقىي تۈركىستان مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

خەلقئارالىق شەرقىي تۈركىستان مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 10-ئىيۇن ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىغا جايلاشقان زەيتىنبۇرنۇ كۈلتۈر ۋە سەنئەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان مەزكۇر يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئىسلام دۇنياسىدا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنىدىغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ۋە جىددىي ۋەزىيىتى ھەرقايسى ئىسلام ئەللىرىدىن كەلگەن زور تەسىر كۈچكە ئىگە مۇتەخەسسىسلەرگە، ئۆلىمالارغا تونۇشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان.

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئابدۇجېلىل قارىمنىڭ قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقىچە تارىخىنى تونۇشتۇردى. ئارقىدىن مەزكۇر يىغىننىڭ ئاساسلىق مەقسىتىنى تونۇشتۇرۇپ، غەرب ئەللىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە دىققەت قىلىۋاتقان مۇھىم بىر پەيتتە، ئىسلام دۇنياسىنىڭ خىتاي ئىجرا قىلىۋاتقان قورقۇنچلۇق جىنايەتلەرنى كۆرمەسكە سالغانلىقىنى، نۆۋەتتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ، ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى تېررور سىياسىتى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئىسلام دۇنياسىغا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇشنىڭ تولىمۇ زۆرۈر بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تونۇشتۇرۇلغان قىسقا فىلىم قويۇلدى.

ئارقىدىن دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى باش كاتىپى دوكتور ئەلى قاراداغى سۆز قىلىپ، بىرلىككە ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە سالام يوللايدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنىڭ بۇ مەسىلىنى ئىسلام ئۈممىتىگە بىلدۈرۈشكە تىرىشىپ كەلگەنلىكىنى قەيت قىلىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىدىكى ئالىملارنى ۋە ئىماملارنى ئ‍ۆز دۆلىتىدىكى خەلقلەرگە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇشقا ۋە خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلاشقا چاقىردى. شۇنداقلا ئىسلام دۇنياسىدىكى دۆلەت رەئىسلىرىگە ۋە رەھبەرلىرىگە چاقىرىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىنى، ھەربىرىنىڭ ئاللاھنىڭ ئالدىدا چوقۇم سوراققا تارتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكەتكە قىلىشقا چاقىردى ۋە بارلىق مۇسۇلمان خەلقلەرنى خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى. شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار دوكتور ئەلى قاراداغىغا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن ھەدىيە تەقدىم قىلدى.

ئارقىدىن دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئىسام ئەلبەشىر سۆز قىلىپ، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىر تەنگە ئوخشايدىغانلىقنى، ئۇنىڭدىكى قايسى ئەزا ئاغرىپ قالسا، پۈتۈن بەدەننىڭ بىئارام بولىدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۈمىدسىزلەنمەسلىكى كېرەكلىكىنى، ئۆز ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇش بىلەن بىرگە، كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. دوكتور ئىسام ئەلبەشىرگە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مۇئاۋىن رەئىسى سىراجىدىن ئەزىزى شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن ھەدىيە تەقدىم قىلدى.

ئارقىدىن ئىلىم ۋە پىكىر تەتقىقات مەركىزى قۇرغۇچىسى دوكتور ئېھسان شەنئوجاك سۆز قىلىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆرمەس بولۇۋالغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندا مەسچىتلەرنىڭ چېقىلىۋاتقانلىقىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمان-ئېتىقادى سەۋەبلىك خارلانغانلىقىنى، پات پۇرسەتتە ئىشغالىيەتچى خىتايلاردىن ئىنتىقام ئالىدىغان پەيت كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. دوكتور ئېھسان شەنئوجاكقا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى مۇھەممەت يۈسۈپ قارىم شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن ھەدىيە تەقدىم قىلدى.

ئارقىدىن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى، ھالبۇكى ئىسلام دۇنياسىنىڭ خىتاينىڭ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا ئىجرا قىلىۋاتقان بۇ جىنايەتلىرىگە سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاينىڭ ئىسلام دۇنياسىنى ھەرخىل ماددىي مەنپەئەتلەر بىلەن ئالداشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن مالايشىيا كەلانتان ۋىلايىتىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى دوكتور ئابدۇللاھ ياقۇب سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى، شۇڭلاشقا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئاۋۋالقى ئورۇنغا قويۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.  دوكتور ئابدۇللاھ ياقۇبقا تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن ھەدىيە تەقدىم قىلدى.

ئارقىدىن كۇۋەيتنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى دوكتور ۋەلىد تابتابائى سۆز قىلىپ، ئالدى بىلەن ئ‍ۆزلىرىنىڭ ئىسلام ئۈممىتى ئىچىدىكى ئازاب-ئوقۇبەتتە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى بىلەن بىرگە ئازابلىنىۋاتقانلىقى ئىپادىلەنگەن شېئىرنى ئ‍وقۇپ ئۆتتى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىنى تەشكىللىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. دوكتور ۋەلىد تابتابائىغا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى نىياز داموللام شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن ھەدىيە تەقدىم قىلدى.

ئىسلام دۇنيا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكى مۇئاۋىن باش كاتىپى ئەييۇب ئاقبال سۆز قىلىپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بىر ئەزاسى بولغان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ بۇ مۇھىم يىغىننى تەشكىللىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، يېقىن كەلگۈسىدە باشقا ئىسلام دۇنياسىدىكى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدەك مۇستەقىل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كۇۋەيتنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى دوكتور مۇھەممەد ھايىف ئەلمەتىرىمۇ سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بىر بېسىۋېلىنغان بىر مۇسۇلمان تۇپرىقى ئىكەنلىكىنى، بۇنى بارلىق ئىسلام ئەللىرى بىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. دوكتور مۇھەممەد ھايىف ئەلمەتىرىگە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى ئاتاۋۇللاھ خەلپىتىم شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن ھەدىيە تەقدىم قىلدى.

ئامېرىكىدىن كەلگەن قانۇن پىروفېسسورى دوكتور خالىد بەيدۇنمۇ سۆز قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئالدىنقى كۈنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا سادىر قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى «ئېغىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپى» دەپ بېكىتكەنلىكىنى، ئەسلىدە كەسكىن ھالدا «خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلدى» دەپ قارار قىلىشى كېرەكلىكىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپلا قالماي، ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆز ئەھۋالىنى سۆزلىشىنى توسقانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىسلام ئۆچمەنلىكى (ئىسلامفوبىيا) ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. دوكتور خالىد بەيدۇنغا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى پەتىۋا بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى دوكتور ئالىمجان بۇغدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن ھەدىيە تەقدىم قىلدى.

ئارقىدىن ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە جامائەت ئەربابى، «ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزايلى» ھەرىكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇمالىك مۇجاھىد سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە بىر دوكلات تەييارلاپ تارقاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كۈرەشنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئابدۇمالىك مۇجاھىدقا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى ئابدۇسالام ئالىم قارىھاجىم شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن ھەدىيە تەقدىم قىلدى.

ئارقىدىن ئىسلام دۇنياسىدا تونۇلغان مۇتەپەككۇر دوكتور ئابدۇلكەرىم بەككار سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان ۋە باشقا ئىسلام ئەللىرىدە يۈز بېرىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئاجىزلىقى ئىكەنلىكىنى، ئىسلام دۇنياسىنىڭ سىياسەت ۋە پىكىر ساھەسىدە كۆپلەپ سەرخىللارنى تەربىيەلەپ چىقىشقا ئەھمىيەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بۇ زۇلۇمدىن پات يېقىندا قۇتۇلۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. دوكتور ئابدۇلكەرىم بەككارغا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن ھەدىيە تەقدىم قىلدى.

دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى مەجلىس ئەزاسى ۋە مىسىرنىڭ سابىق دىنىي ئىشلار ۋەزىرى مەسلىھەتچىسى دوكتور مۇھەممەد سەغىر سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئىسلام يولىدا چىڭ تۇرسىلا، خۇددى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھ ياردەم قىلغىنىدەك، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. دوكتور مۇھەممەد سەغىرغا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىس ۋەكىلى مەھمۇدجان داموللام شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن ھەدىيە تەقدىم قىلدى.

ئارقىدىن ھىندونېزىيەلىك داڭلىق ئالىم دوكتور داۋۇد رەشىد ھارۇن سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھىندونېزىيە مۇسۇلمانلىرىغا ۋاكالىتەن بۇ يىغىنغا كەلگەنلىكىنى، ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەتنىڭ بىرى بولغان ھىندونېزىيەدە مۇسۇلمانلار سانىنىڭ 230 مىليون ئىكەنلىكىنى، بۇ يىغىنغا ھىندونېزىيە ئۆلىمالىرىنىڭ خىتايغا قارشى شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى، نۆۋەتتىكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. دوكتور داۋۇد رەشىد ھارۇنغا جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن ھەدىيە تەقدىم قىلدى.

ئارقىدىن تۈركىيە دىنىي ئىشلار باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇتەخەسسىسى جەبرائىل كۈللۈ سۆز قىلىپ، تۈركىيە دىنىي ئىشلار باشقارمىسى رەئىسى دوكتور ئەلى ئەرباش، مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور سەلىم ئەرگۈنلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە يوللىغان سالىمىنى يەتكۈزدى. شۇنداقلا قىسقىچە سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ھەققىدە دۇئا قىلدى. جەبرائىل كۈللۈگە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى دوكتور مۇھەممەدئەلى شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن ھەدىيە تەقدىم قىلدى.

ئارقىدىن مىللىي گۆرۈش تەشكىلاتىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى مۇھەممەد تۇرھان سۆز قىلىپ، ئاللاھ يولىدا كۈرەش قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن بىر سەپتە بولغانلىقىدىن شەرەپ ھېس قىلىدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈمىدۋارلىق بىلەن كۈرەشنى داۋام قىلىدىغانلا بولسا، پات يېقىندا غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مۇھەممەد تۇرھانغا ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن ھەدىيە تەقدىم قىلدى.

ئېچىلىش يىغىنىغا يەنە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور نازىپ يىلماز، ھايدار خەلق تەشكىلاتى رەئىسى ئەھمەد مەھمۇد ئۈنلۈ ۋە شەيخ جۈببەلى ئەھمەد خوجا ئۇتۇق تىلەپ سالام يوللىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يازما سالىمى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

ئارقىدىن دوكتور سۇلتان ئەلبھىم ئەلھاشىمىي سۆز قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ بىر جان، بىر تەن ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ خۇددى پەلەستىن مۇسۇلمانلىرىغا كۆڭۈل بۆلگىنىدەك، شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە يەنە بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان نامىدا ۋەقفى قۇرۇپ چىقىش تەكلىپىنى بەردى. دوكتور سۇلتان ئەلبھىم ئەلھاشىمىيغا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى ئابدۇلئەد ئۇچقۇن شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن ھەدىيە تەقدىم قىلدى.

ئارقىدىن ئەنگلىيەدىكى قۇرتۇبە تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە رەئىسى دوكتور ئەنەس تىكرىتى سۆز قىلىپ، يېقىندا ئەنگلىيەدىكى بارلىق ئىسلامىي تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ نۆۋەتتە ئىسلام دۇنياسىدا مۇھىم مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى. دوكتور ئەنەس تىكرىتىغا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى ئەيسا قارىم شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن ھەدىيە تەقدىم قىلدى. ئاخىرىدا يەنە مۇھاكىمە يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بىر قىسىم مېھمانلار قىسقىچە سۆز قىلىپ ئۆتتى.

خەلقئارالىق شەرقىي تۈركىستان مۇھاكىمە يىغىنى 11-، 12-ئىيۇن كۈنلىرى يەنە يېپىق تەرىقىدە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئىسلام دۇنياسىدا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشتىكى ئەڭ زور كۆلەملىك يىغىلىش ھېسابلىنىدىغان مەزكۇر يىغىننىڭ كۈچلۈك تەسىر ۋە ئۈنۈم ھاسىل قىلىدىغانلىقى كۈتۈلمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2160 قېتىم كۆرۈلدى
11/06/2022 17:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق