ياۋروپا پارلامېنتى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدە قارار ماقۇللىدى

ياۋروپا پارلامېنتى خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە،  مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياۋروپا بازىرىغا كىرىش-چىقىشىنى چەكلەش ھەققىدە قارار ماقۇللىدى.

ياۋروپا پارلامېنتى 9-ئىيۇن مۇتلەق يۇقىرى ئاۋاز بىلەن شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە قارار ماقۇللاپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىدىن مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ياۋروپا بازىرىغا كىرىش-چىقىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرگە ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە جىددىي ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپى» دەپ بېكىتكەن.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا پارلامېنتى 9-ئىيۇن ئەتىگەن 503 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 6 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى، 4 ئاۋازنىڭ ۋاز كېچىشى بىلەن، «يېڭى سودا قوراللىرى ئارقىلىق مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى چەكلەش» قارارىنى ماقۇللىغان. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن پارلامېنت يەنە مۇتلەق يۇقىرى ئاۋاز بىلەن يېڭىدىن ئاشكارىلانغان خىتاينىڭ ساقچى ھۆججەتلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە قارار ماقۇللىغان.

مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش قانۇن لايىھەسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىدىن مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەنگەن بارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ياۋروپانىڭ ئورتاق بازىرىدا چەكلىنىشىگە رۇخسەت قىلىش تەلەپ قىلىنغان.

بېلگىيەنىڭ ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى ساسكىيا بىرىكمونت بۇ ھەقتە: «زامانىۋى قۇللۇقنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان پەيت كەلدى. ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەردىن تەشكىل تاپقان زامانىۋى قۇللۇق ياكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەنگەن كىيىم-كېچەك، ئاياغ ياكى ماشىنا قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئەمدى ياۋروپا سودىگەرلىرىنىڭ قولىدا بولماسلىقى كېرەك» دېگەن.

ئۇ يەنە ئامېرىكا ۋە كانادانىڭ بۇ خىل مەھسۇلاتلارنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلەش ئۈچۈن سودا بەلگىلىمىسى ئورناتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەنپەئەتتىن قۇرۇق قېلىش ھەققىدە تەھدىت سالىدىغان لوبىچىلىق بېسىمىغا قارشى تەدبىر قوللانغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.

ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى داۋىد لېگا مەزكۇر قارار لايىھەسىنىڭ سۇنغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئەسلىدە بىۋاسىتە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاشنى ئويلاشقانلىقىنى، ئەمما پارلامېنتتا تېخىمۇ كۆپ قوللاشقا ئېرىشىش ئۈچۈن «جىددىي ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپى» دېگەن باسقۇچتا توختىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1143 قېتىم كۆرۈلدى
11/06/2022 15:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق