خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى داۋاملىق سۈرگۈن قىلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلدى

خىتاي ئۇزۇن يىللاردىن بىرى ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتاي ئۆلكىلىرى ياكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ باشقا رايونلىرىغا مەجبۇرىي سۈرگۈن قىلىپ، قۇل ئورنىدا سېتىش، ئاتالمىش «ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېزا-كەنتلىرىگە مەقسەتلىك يەرلەشتۈرۈلگەن خىتاي زاۋۇت-كارخانىلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قاتارلىق رەزىل سىياسىتىنى ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي بۇ قېتىم يەنە ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامىدىكى رەزىل سىياسىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشنى تەكىتلىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 7-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى خۇ چۈنخۇا 6-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىر قانچە ۋىلايەت ۋە شەھەرلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئۇنى كېڭەيتىش كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خۇ چۈنخۇا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىلى ۋىلايىتىگە تەۋە موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى، تېكەس ناھىيەسى، غۇلجا ناھىيەسى، چاپچال ناھىيەسى، بورتالا شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى قاتارلىق شەھەر ۋە ۋىلايەتلەرنى زىيارەت قىلغان. زىيارەتتە ئاتالمىش «ئاپتونوم رايون» نىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي، قورچاق ئەمەلدار ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار بىرگە بولغان.

خۇ چۈنخۇا زىيارەت داۋامىدا يەنە ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامىدا باشقا جايغا مەجبۇرى كۆچۈرۈلۈپ يەرلەشتۈرۈلگەن مەھەللىلەرنى زىيارەت قىلىپ: «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۇنى كېڭەيتىشنى چىڭ تۇتۇش، ياخشى تۇتۇش» كېرەك دەپ بىلجىرلىغان. ئۇ يەنە ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سىياسىتى» نىڭ يەتمەكچى بولغان رەزىل مەقسىتىنى ئاشكارىلاپ ئاتالمىش« جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن.

خۇ چۈنخۇا يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ قورغاس، ئالاتاۋ پورتى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون، شەرقىي تۈركىستان-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن.

كۈزەتكۈچىلەر، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ئارقىمۇ-ئارقا ئاشكارىلىنىۋاتقان ۋە خىلمۇخىل بېسىم ۋە جازالارغا ئۇچراۋاتقان خىتاينىڭ، يېقىندىن بۇيان بىۋاسىتە مەركەزدىكى ئەمەلدارلىرىنى كەينى-كەينىدىن شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتىشى ۋە خىزمەت تەكشۈرۈشىدە بولۇشى دىققەت قوزغايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بېسىم كۈچەيگەنسىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى ئازايتىشنىڭ ئورنىغا، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتىش ئارقىلىق بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرىنى خاتىرجەم قىلىشقا تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۈمىدىنى يوق قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ھەرقانداق چېكىدىن ئېشىشنىڭ چوقۇم ھېسابى بارلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1685 قېتىم كۆرۈلدى
10/06/2022 10:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق