ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودرۇمىدا 9-ئىيۇن باشلانغان 5-نۆۋەتلىك ئېتنىك تەنتەربىيە (مىللىي تەنتەربىيە) كۈلتۈر بايرىمىدا مەخسۇس شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.
بۇ يىللىق ئېتنىك تەنتەربىيە كۈلتۈر بايرىمى 6-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە تۆت داۋام قىلىدىغان بولۇپ، كۈلتۈر بايرىمىغا قاتناشتۇرۇلغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۆرگەزمە پائالىيىتىنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى بىرلىكتە تەشكىللىدى.
ئېتنىك تەنتەربىيە كۈلتۈر بايرىمىنىڭ تۇنجى كۈنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى مۇئاۋىن رەئىسى مۇساجان ئەر، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىدىن ئادىل ئابدۇقادىر ئەپەندى قاتارلىقلار كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس تەسىس قىلىنغان كۆرگەزمە ئۆيىنى زىيارەت قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ئۆيىگە ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، ئۆي-سەرەمجان ۋە ھەر خىل سەنئەت بۇيۇملىرى تىزىلدى.
خەلقئارا ئېتنىك تەنتەربىيە بايرىمى 2022-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، زىيارەتچىلەر بارلىق پائالىيەتلەرگە ھەقسىز قاتنىشالايدۇ.
دۇنيا ئېتنىك تەنتەربىيە بىرلەشمىسى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، پائالىيەتكە 30 دۆلەتتىن كەلگەن مېھمانلنىڭار قاتنىشىدىغانلىقى، ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ئويۇنلىرى، ھەرخىل مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيەتلىرى كۆرسىتىلىدىغانلىقى، ئەنئەنىۋى يېمەكلىكلەر سۇنۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
پائالىيەتتە يەنە ھەر قايسى ياشتىكى زىيارەتچىلەرگە ماس كېلىدىغان ئويۇنلار ئوينىلىدىغان بولۇپ، زىيارەتچىلەر نۇرغۇن مۇسابىقىنى ھەقسىز كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىدىكەن. ئۇندىن باشقا زىيارەتچىلەر كەسپىي خادىملارنىڭ نازارىتى ئاستىدا ھەقسىز ئوقيا ئېتىش، ئات مىنىش قاتارلىق نۇرغۇن ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت ۋە ئويۇنلارنى ئوينىيالايدىكەن. شۇنداقلا ئىنساننىڭ تەبىئەتتىكى ھايۋانلار بىلەن بولغان ئالاقە ھەققىدە كۆپلىگەن مەلۇماتلارنى ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدىكەن. 5-نۆۋەتلىك ئېتنىك تەنتەربىيە كۈلتۈر بايرىمىدا بالىلار پائالىيەتلىرىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈنگەن بولۇپ، بالىلار ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت ۋە ئويۇنلارنى ئويناپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە كۆڭۈل ئاچالايدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ