ياپونىيە مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا ۋازارىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ياپونىيە تۇنجى قېتىم يەر شارى سىرتىدا «ھاياتلىق مەنبەسى» نى بايقىغان.
«goo خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 8-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە،ياپونىيە تاراتقۇلىرى ياپونىيە مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا ۋازارىتىدىكى ئالىملارنىڭ كىچىك سەييارىنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى «لاچىن 2-نومۇر» يىغقان ئەۋرىشكىلەردىن 20 نەچچە خىل ئامىنو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈپ چىققانلىقىنى، تەكشۈرۈرۈش ئارقىلىق تۇنجى قېتىم يەر شارى سىرتىدا ئامىنو كىسلاتاسى بارلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 2020-يىل 12-ئايدا، «لاچىن 2-نومۇر» نىڭ يىغىۋېلىش بۆلمىسى كىچىك سەييارە «ئەجدىھا ئوردىسى» دىن يەر شارىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن بولۇپ، «لاچىن 2 ـ نومۇر» نىڭ يىغىۋېلىش بۆلۈمى تەخمىنەن 5.4 گىرام سەييارە سىرتقى يۈزى ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ كەلگەن. ياپونىيە يوكوخاما دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسمان جىسىملىرى بىيولوگىيەسىنىڭ پەخرىي پىروفېسسورى بۇ ھەقتە: «يەر شارىدىن باشقا ئاسمان جىسىملىرىدا كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتالىرىنى بايقاش تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان، ھەتتا بۇ يەر شارىدىن باشقا جايلاردا ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىشى مۇمكىن، بۇمۇ ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ باشقا سەييارىلەر ۋە تەبىئىي ھەمراھلاردا مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ نەتىجە ھاياتلىقنىڭ ئالەمدە ئىلگىرى ئويلىغاندىنمۇ كۆپ جايدا بارلىققا كەلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىدىن بېشارەت بېرىدۇ» دېگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ قېتىم «لاچىن 2-نومۇر» ناملىق تەكشۈرۈش ئەسۋابى قۇياش نۇرى ياكى ئالەم نۇرىنىڭ چىرىتىشىگە ئۇچرىمىغان كىچىك سەييارىنىڭ يەر ئاستى ماددىسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، تەتقىقاتچىلار ئۇنى يەر شارى ھاۋاسىغا ئۇچراشتۇرمىغان مۇھىتتا ئانالىز قىلغان، نۆۋەتتە بۇ تەتقىقاتچىلار ئۈچۈن تۇنجى قېتىم سىرتقى ئالەم بوشلۇقىدىمۇ ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇش ئېھتىماللىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ