كۆزەتكۈچىلەر: خىتاي جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇپ قالالمايدۇ

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 7-ئىيۇن قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ھەر قېتىمقىدەك شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى» نى قېلىپلاشقان يالغان سۆزلىرى بىلەن يوشۇرۇشقا ئۇرۇندى.

يېقىندا ئاشكارىلانغان «شەرقىي تۈركىستان ساقچى ھۆججەتلىرى» خەلقئارا جەمئىيەتتە قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ، بۇ ھۆججەتلەردە ئاشكارىلانغان لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، شەرقىي تۈركىستاندىكى قايسى تۈرمە ۋە قايسى لاگېردا ئىكەنلىكىدەك پولاتتەك پاكىتلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى» سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن خەلقئارادىكى مۇخبىرلار ھەر خىل ئۇسۇلدا خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇ ئەھۋالغا جاۋاب بېرىشكە قىستىماقتا.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈگۈرۈۋاتقان باستۇرۇش، قىرغىن قىلىش، ئىسلام دىنىي ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى سىياسەتلىرى خەلقئارادا پاش بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم ھۆكۈمەت ۋە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ خىتاينى ئەيىبلىشى بارغانچە كۈچەيمەكتە. خىتاينىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا قىرىلىپ كېتىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ يەتكەن دۆلەتلەر ھەمكارلىشىپ، خىتايغا ھەرخىل ئېمبارگو يۈرگۈزمەكتە ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى «تېررورلۇق تۆھمىتى بىلەن ئۇجۇقتۇرساق ھېچ كىشى ئارىلاشمايدۇ» دەپ چوتنى خام سوققان خىتاي دائىرىلىرى خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن كېلىۋاتقان ئەيىبلەشلەردىن ۋە جازالاردىن چۆچۈپ، قېلىپلاشقان يالغانچىلىقلىرى بىلەن دۇنيانى ئالداشقا يەنىمۇ قاتتىق كۈچ چىقارماقتا.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا فىنكىس تېلېۋىزىيە قانىلى مۇخبىرى جاۋ لىجيەندىن «ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق سابىق دىپلوماتى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ كارتىسى» ئويناشتىكى ھەقىقىي مۇددىئاسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى، سىز بۇ مەسىلىگە قانداق قارايسىز» دەپ سورىغان.

سوئالغا جاۋاب بەرگەن جاۋ لىجيەن ھىيلىگەرلىك بىلەن: «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئامېرىكا تەرىپىدىن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان يالغانچىلىق، ئەمما سىز ئۇنىڭغا ئىشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن. بىز ئامېرىكىدىن سىياسىي مەقسەت بىلەن شىنجاڭ مەسىلىسىدە خىتايغا قارا  چاپلاشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دەپ بىلجىرلىغان.

كۆزەتكۈچىلەر، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلىپ يېتىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ۋەھشىي باستۇرۇش قىلمىشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىنى، يېقىندا ئاشكارىلانغان «شەرقىي تۈركىستان ساقچى ھۆججەتلىرى» تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ ئاللىبۇرۇن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى» ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئىسپاتلىغانلىقىنى، خىتاينىڭ پولاتتەك پاكىتلار ئالدىدا قېلىپلاشقان يالغانچىلىقلىرى بىلەن جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 932 قېتىم كۆرۈلدى
09/06/2022 14:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق