خىتاي كامبودژانىڭ رېئام ناۋال دېڭىز ئارمىيە بازىسىدا مەخپىي ھالدا ھەربىي بازا قۇرۇشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ چەت ئەلدە قۇرغان ئىككىنچى ھەربىي بازىسى ئىكەن.
ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى 6-ئىيۇن غەرب ئەللىرىدىكى بىر تۈركۈم ئەمەلدارلارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ مەزكۇر ھەربىي بازىسى كامبودژانىڭ رېئام ناۋال دېڭىز ئارمىيە بازىسىنىڭ شىمالىدىكى بىر خىلۋەت جايغا سېلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە تاپشۇرۇلىدىكەن. بۇ خىتاينىڭ جىبۇتىدىكى ھەربىي بازىسىدىن كېيىنكى چەت ئەلدە قۇرغان ئىككىنچى ھەربىي بازىسى ھېسابلىنىدىكەن.
مەنبەلەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي بىلەن كامبودژا 2020-يىلى رېئام ناۋال دېڭىز ئارمىيە بازىسىدا خىتاي ئۈچۈن ھەربىي بازا قۇرۇشقا كېلىشكەن. ئەمما ھەر ئىككى تەرەپ بۇ بازا قۇرۇلۇشىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش تەدبىرى قوللانغان بولۇپ، خىتاي ھەربىي خادىملىرى بازىنى زىيارەت قىلغاندا كامبودژا خادىملىرىنىڭ فورمىسىنى كىيىشكە كېلىشكەن. ئۇندىن باشقا، ئۆتكەن يىلى ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شېرمان رېئام ناۋال دېڭىز ئارمىيە بازىسىنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇنىڭ پائالىيەت دائىرىسىگە زور دەرىجىدە چەكلىمە قويۇلۇپ، ئامېرىكا خادىملىرىنىڭ خىتاي بازىسىدىكى پائالىيەتلەرنى كۆرۈپ قېلىشىنىڭ ئالدى ئېلىنغان.
بۇ ئەھۋالدىن خەۋەردار بىر شەخسنىڭ ئېيتىشىچە، كامبودژا دائىرىلىرى خىتاينىڭ ھەربىي بازا قۇرۇشىغا ئىنتايىن سەزگۈر مۇئامىلە قىلغان. ئاساسىي قانۇندا چەت ئەل ئەسكەرلىرىنىڭ كامبودژادا تۇرۇشى چەكلەنگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ تۈرنى ئۆز پۇقرالىرىدىن يوشۇرۇشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشقان.
ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، كامبودژانىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىخانىسى خەۋەرنىڭ مەزمۇنى ۋە مەنىسىگە قەتئىي قوشۇلمايدىغانلىقىنى، بۇ خەۋەرلەرنىڭ كامبودژاغا تۆھمەت چاپلاشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى، دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنغا رىئايە قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ كامبودژادا ھەربىي بازا قۇرۇشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ۋال كوچىسى گېزىتى 2019-يىلى ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداش ئەمەلدارلارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، خىتاينىڭ كامبودژا بىلەن مەخپىي كېلىشىم ئىمزالاپ، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ رېئام ناۋال دېڭىز ئارمىيە بازىسىنى ئىشلىتىشىگە يول قويغانلىقىنى خەۋەر قىلغان، ئەمما خىتاي تەرەپ بۇنى رەت قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي چەت ئەلدىكى تۇنجى ھەربىي بازىسىنى 2017-يىلى ئافرىقا دۆلىتى جىبۇتىدا قۇرغان. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي چەت ئەلدىكى ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، داۋاملىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەربىي بازا قۇرۇشقا ئۇرۇنماقتىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ