خىتاي مۇتەخەسسىس: خىتاي غەربنىڭ ئېغىر جازاسىغا ئۇچرىسا، تەيۋەننى قايتۇرۇۋېلىشى كېرەك

خىتاينىڭ تەيۋەنگە قاراتقان ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان مەزگىلدە، خىتاي مۇتەخەسسىسنىڭ «ئەگەر خىتاي غەربنىڭ ۋەيران قىلارلىق جازاسىغا ئۇچرىسا، تەيۋەننى ھەربىي كۈچ بىلەن قايتۇرۇۋېلىپ، تەيۋەننىڭ ئۆزەك شىركىتىنى قولغا كىرگۈزۈش كېرەك» دېگەن سۆزلىرى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى.

ئۇزۇندىن بۇيان تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى دەۋا قىلىپ كېلىۋاتقان ۋە ئاتالمىش «بىرلىككە كەلتۈرۈش» خىيالىنى قىلىۋاتقان خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىۋاتقان بىر پەيتتىن پايدىلىنىپ، تەيۋەنگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقى خەلقئارادا مۇنازىرە تېمىسى بولماقتا. دەل مۇشۇنداق بىر پەيتتە، خىتاي مۇتەخەسسىسنىڭ ئەگەر خىتاي رۇسىيەگە ئوخشاش غەربنىڭ ۋەيران قىلارلىق جازاسىغا ئۇچرىسا، خىتاي رېجىمىنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى سۆزلىرى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي خەلقئارا ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى چېن ۋېنلىڭ 30-ماي خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي-ئامېرىكا مۇنبىرىدە سۆز قىلىپ: «خىتاي رۇسىيەگە ئوخشاش غەربنىڭ جازاسىغا ئۇچراپ قالسا، چوقۇم تەيۋەننى قايتۇرۇۋېلىشى، دۇنيادىكى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەت – ‹TSMC› نى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك» دېگەن.

چېن ۋېنلىڭ سۆزىدە يەنە: «ئامېرىكا ۋە غەرب رۇسىيەگە ئوخشاش خىتايغا ئېغىر جازا يۈرگۈزگەن ئەھۋال ئاستىدا، بىز چوقۇم تەيۋەننى قايتۇرۇۋېلىشىمىز كېرەك. بولۇپمۇ سانائەت زەنجىرى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنى قايتا تەشكىللەش مەسىلىسىدە، بىز چوقۇم ئەسلىدە خىتايغا تەۋە بولغان ‹TSMC›نى قولغا كىرگۈزۈشىمىز كېرەك» دەپ جار سالغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيۋەننىڭ TSMC شىركىتى دۇنيانىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەك لايىھەلەش ۋە ئىشلەپچىقىرىش تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مەركىزىي ھالقىسىدا بولۇپ، ئۇنىڭ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۈچ نانومېتىرلىق ئىلغار ھەربىي ۋە پۇقراۋى ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقىرىشتا ئېھتىياجلىق ئۆزەكنىڭ ئاچقۇچى شىركىتى ھېسابلىنىدىكەن. نۆۋەتتە TSMC شىركىتى تەيۋەن تەرىپىدىن دۆلەتنى قوغداشتىكى مۇقەددەس قورغان، دەپ قارالسا، ئامېرىكا تەرىپىدىن كەلگۈسىدىكى ئىلغار قوراللار ۋە پۇقراۋىي مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يادروسى، دەپ قارالماقتا.

نۆۋەتتە خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەك سېتىۋالغۇچى ۋە ئىشلەتكۈچى ھېسابلىنىدىكەن. ئەمما ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا خىتايغا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەك ئېمبارگو سىياسىتىنى يولغا قويغان، ھەتتا ئامېرىكىنىڭ تېخنىكىسى ۋە مەھسۇلاتلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تاۋارلارنىمۇ خىتايغا ئېكسپورت قىلىشنى چەكلىگەن. خىتاي ئامېرىكىنىڭ قامال قىلىش جازاسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەك سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن كۆپلەپ مەبلەغ سالغان. بىراق خىتاينىڭ ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلىرىنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسى TSMC گە قارىغاندا خېلىلا ئارقىدا ھېسابلىنىدىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 884 قېتىم كۆرۈلدى
08/06/2022 16:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق