گۇما ناھىيەسىدە بەش بال يەر تەۋرىدى

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسىدە بۈگۈن بەش بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالى كۆرۈلمىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

خىتاي  يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 8-ماي ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 12 دىن 52 مىنۇت ئۆتكەندە، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسى تەۋەلىكىدە (شىمالىي كەڭلىك 36.09 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 77.78 گىرادۇس) 5.0 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى ئون كىلومېتىر كېلىدىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن بولۇپ، يەر تەۋرەشتىن كېيىن يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئاپەت رايونىغا ماشىنا، قۇتقۇزۇش خادىمى ۋە سەھىيە خادىملىرىنى ئەۋەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

نۆۋەتتە، خىتاي دائىرىلىرى ئاپەت ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بەرمىگەن بولۇپ، يەر تەۋرەش سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ئۆيلەرنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى قاتارلىق تالاپەتلەر ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق ئىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1705 قېتىم كۆرۈلدى
08/06/2022 13:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق