گېرمانىيە تاراتقۇلىرى: خىتايغا مەبلەغ سالغانلار خەتەرگە ئۆزى ئىگە بولىدۇ

ۋولكىسۋاگېننىڭ خىتايغا مەبلەغ سېلىش تۈرى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قەرز كاپالىتىگە ئېرىشەلمىگەن بولۇپ، بۇ گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى قېتىم كىشىلىك ھوقۇق سەۋەبىدىن شىركەتنىڭ چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىش پىلانىغا كېپىل بولۇشنى رەت قىلىشى ئىكەن. خىتاي بازىرىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغان گېرمانىيە سودا جەمئىيىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارى شۈبھىسىزكى خىتايغا مەبلەغ سالماقچى بولغان گېرمانىيە شىركەتلىرى ئۈچۈن ئېغىر ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ئىكەن.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ 6-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنىڭ نۆۋەتتىكى خىتايغا مەبلەغ سېلىش پىلانى شىركەتنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىغا ئەمەس، بەلكى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتىنى يېڭىلاشقا چېتىلىدىكەن. شۇنداقتىمۇ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلار يېڭىلانغاندىن كېيىن ئىشلەپچىقىرىلغان زاپچاسلار يەنىلا ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىغا ئەۋەتىلىشى مۇمكىن ئىكەن. شۇڭا گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بۇ مەبلەغ سېلىش پىلانىنى كاپالەت بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلغان.

بۇ توغرۇلۇق «دۇنيا گېزىتى»دە «خىتايغا مەبلەغ سالغانلار خەتەرگە ئۆزى ئىگە بولىدۇ» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خەۋەردە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىقى قارارىنىڭ دۇنيا ئىقتىساد ساھەسىدە زور غۇلغۇلا قوزغىغانلىقى، شۇنداقلا بۇنىڭ گېرمانىيە ئىقتىسادىي سىياسىتىدىكى بىر چوڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا ئايلىنىشى مۇمكىنلىكى، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان گېرمانىيە شىركەتلىرىنىڭ داۋالغۇش ۋەزىيىتىدە قالغان رايونلارغا مەبلەغ سالغاندا ۋە سودا قىلغاندا گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قەرز پۇل كاپالىتىگە ئېرىشىپ كەلگەنلىكى، نۆۋەتتە ئىقتىساد ساھەسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارغا كۈچلۈك تايانچ كۈچ بولمايدىغانلىقىدىن ئەنسىرەشكە باشلىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

گېرمانىيە ئىقتىساد مىنىستىرى روبېرت خابېكمۇ بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، كىمكى شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ، لاگېرلارنىڭ ئەتراپىدىكى زاۋۇتلارغا مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇرماقچى بولسا، بارلىق خەۋپ-خەتەرگە شۇ شىركەتلەرنىڭ ئۆزى مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاممىباب ۋە Siemens شىركىتىدىن باشقا، خىمىيە سانائىتى ماگناتى BASF مۇ ھۆكۈمەت قارارىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغان. BASF شىركىتى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قارارىغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، فېدېراتىپ ھۆكۈمەتكە ئۆزىنىڭ خىتايدا قىلىۋاتقان تىجارىتىگە كېپىللىك ئىلتىماسى سۇنمىغانلىقىنى، ئەمما ھازىرغا قەدەر بۇ شىركەتنىڭ خىتايدا قىلغان تىجارىتى ھەققىدە ھۆكۈمەتكە قىلغان قەرز كاپالىتى ئىلتىماسىنىڭ ئىزچىل تەستىقلىنىپ كەلگەنلىكىنى، بۇندىن كېيىنمۇ شۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنىڭ دىرېكتورى ھېربېرت دىيېس بولسا ۋولكىسۋاگېننىڭ شەرقىي تۈركىستاندا زاۋۇت ئاچقانلىقى توغرىسىدىكى تەنقىدلەرگە قوشۇلمايدىغانلىقىنى، ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كىرىپ مەبلەغ سېلىشى شۇ يەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 841 قېتىم كۆرۈلدى
07/06/2022 16:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق