خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى «پىلانلىق تۇغۇت نىزامى»غا تۈزىتىش كىرگۈزدى

شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي دائىرىلىرى 4-ئىيۇن ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامى»نىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خىتاي ۋە باشقا مىللەتلەرگە رۇخسەت قىلىنغان پەرزەنت سانى بىر تۇتاش ئوخشاش قىلىۋېتىلگەن.

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نوپۇسىنى ھەرخىل يۇمشاق، قاتتىق ۋاسىتىلەر بىلەن چەكلەشكە، تىزگىنلەشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەن بولۇپ، يېقىنقى يىللاردا بۇنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. ئاشكارا ھالدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشكە باشلىغان خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن، ئاياللارنى مەجبۇرىي تۇغماس ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇش، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرگۈزۈش قاتارلىق ئىنسان قېلىپىدىن چىققان تېررور سىياسىتىنى ئىجرا قىلىپ كەلمەكتە.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 4-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى تۆتىنچى قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامى»نى ئېلان قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر نىزاملارنىڭ ئالدىنقى قېتىم تۈزىتىلگەن نۇسخىسى 2017-يىلى ئېلان قىلىنغان.

مەزكۇر ئاتالمىش «نىزام»لار خىتاينىڭ نوپۇس كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يولغا قويغان تەدبىرلىرىگە ماس ھالدا ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، پۇقرالارنىڭ بەلگىلەنگەن توي دەم ئېلىشىدىن سىرت، يەنە 20 كۈن توي دەم ئېلىش ۋاقتى قوشۇپ بېرىلىدىغانلىقى، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ھالدا پەرزەنت كۆرگەن ئەر-خوتۇنلارغا بەلگىلەنگەن تۇغۇت دەم ئېلىشىدىن سىرت، ئاياللارغا يەنە 60 كۈن تۇغۇت دەم ئېلىشى، ئەر تەرەپكە 20 كۈن پەرۋىش دەم ئېلىشى قوشۇپ بېرىلىدىغانلىقىغا ئوخشاش تۇغۇتقا ئىلھاملاندۇرۇش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلغان.

نىزامنامىدە يەنە خىتاي رېجىمى ئالدىنقى مەزگىللەردە بوشاتقان پەرزەنت سانى چەكلىمىسىگە ئاساسەن، بىر جۈپ ئەر-خوتۇننىڭ ئۈچ پەرزەنت كۆرسە بولىدىغانلىقى، بۇ نىزامنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى مىللەتلەرگە ئوخشاش ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

خىتاي رېجىمى بۇندىن ئىلگىرى يولغا قويغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدە رەسمىيەت ۋە تەشۋىقات نۇقتىسىدىن بولسىمۇ خىتايلارنىڭ بىر پەرزەنتلىك، خىتايدىن باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشىغا يول قويغانىدى. نۆۋەتتە تۈزىتىلگەن نىزامدا بۇ پەرق چىقىرىپ تاشلىنىپ، خىتايلارمۇ پەرزەنتلىك بولۇشتىكى ئەڭ يۇقىرى چەكتىن ئوخشاش بەھرىمەن بولۇشقا باشلىغان.

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى (ASPI) بۇلتۇر 12-مايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا خىتاينىڭ 2017-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلغان ئاتالمىش «قانۇنسىز تۇغۇشقا زەربە بېرىش» ھەرىكىتى سەۋەبلىك، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تۆۋەنلىگەنلىكىنى، 2017-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بولغان ئىككى يىل ئىچىدىلا شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ %48.74 تۆۋەنلىگەنلىكىنى، بۇنىڭ سۇرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش ياكى رىۋاندا ۋە كامبودژا ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەزگىلىدىكى نوپۇس تۆۋەنلەشتىنمۇ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەنىدى.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «پىلانلىق تۇغۇت» سىياسىتىنى ۋەھشىي ۋاسىتىلەر بىلەن 40 يىلغا يېقىن ئىجرا قىلغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرگە نۇقتىلىق ھالدا ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكىنى، بۇ جەرياندا ئاتالمىش «پىلاندىن سىرت تۇغدى» دېگەن باھانە بىلەن يۈز مىڭلىغان بوۋاقلارنى ھامىلە ۋاقتىدىلا ئۆلتۈرگەنلىكىنى، يېقىنقى مەزگىللەردە بولسا ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۆتۈپ، «پىلانلىق تۇغۇت» تېررور سىياسىتىدىنمۇ ھالقىغان ھالدا نوپۇس چەكلىگەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە. شۇنداقلا مەزكۇر تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «نىزامنامە»دىكى كەڭچىلىكتىن ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئەمەس، بەلكى خىتايلارنىڭ مەنپەئەتلىنىدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ تېخىمۇ ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ يەنىلا تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن تۇغۇت چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى تەكىتلەشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1565 قېتىم كۆرۈلدى
07/06/2022 13:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق