كانادا خىتاينىڭ ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى

كانادا باش مىنىستىرى خىتاي كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنىڭ كۆپ قېتىم كانادا ھەربىي ئايروپىلانىغا يېقىنلاشقانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، خىتاي تەرەپ بۇنىڭغا قارشى ئىنكاس قايتۇرغان.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كانادا باش مىنىستىرى جاستىن تىرۇدو 6-ئىيۇن خىتاينى ئەيىبلەپ، خىتاي كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنىڭ كۆپ قېتىم خەتەرلىك ھەرىكەت قىلىپ، كانادا ھەربىي ئايروپىلانىغا يېقىنلاشقانلىقىنى، بۇنىڭ قەستەن ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. كانادا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمۇ ئالدىنقى ھەپتە خىتاي كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ب د ت نىڭ شىمالى كورىيەگە جازا يۈرگۈزۈش قارارىنى ئىجرا قىلىۋاتقان كانادا ھەربىي ئايروپىلانىغا كۆپ قېتىم يېقىنلىشىپ، ئايروپىلاننىڭ ۋەزىپە ئۆتۈشىگە توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى، بۇ جەرياندا خەتەرلىك مەشغۇلات قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋۇ چيەن مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «يېقىندا كانادا ھەربىي ئايروپىلانلىرى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىنى ئىجرا قىلىشنى باھانە قىلىپ، خىتاينى يېقىن ئارىلىقتىن رازۋېدكا قىلىپ ئىغۋاگەرچىلىك قىلدى. خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزدى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ ئالدىنقى سەپتىكى خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزدى. خىتاي بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ» دەپ جار سالغان.

1-ئىيۇن كانادا يەرشارى خەۋەرلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى كانادانىڭ رازۋېدكا ئايروپىلانىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تاپشۇرغان ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان. كانادا ئارمىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئايروپىلانلىرى كانادا ئايروپىلانىغا كۆپ قېتىم ئىنتايىن يېقىن ئارىلىقتىن يېقىنلاشقان بولۇپ، كانادا ئۇچقۇچىلىرى ھەتتا ئايروپىلاندىكى خىتاي ئۇچقۇچىلىرىنى كۆرەلىگەن. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خىتاي ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئوخشاشلا يېقىن ئارىلىقتا 60 نەچچە قېتىم كانادا ئايروپىلانلىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتىشىگە توسقۇنلۇق قىلغان.

خىتاينىڭ دېڭىز ۋە ھاۋا تەۋەلىكىدىكى زومىگەرلىك ھەرىكىتى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمۇ 5-ئىيۇن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ئايروپىلانىنىڭ ئالدىنقى ئايدا ئاۋسترالىيەنىڭ بىر چارلىغۇچى ئايروپىلانىنى توسۇۋالغانلىقىنى، خەتەرلىك ئۇسۇل بىلەن ئۇچۇشقا توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. خىتاي تەرەپ بولسا بۇرۇنقىدەكلا بۇ ھەرىكىتىنى ئاقلاپ، پۈتۈنلەي قانۇنلۇق مەشغۇلات قىلغانلىقىنى دەۋا قىلغانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1170 قېتىم كۆرۈلدى
07/06/2022 11:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق