ئامېرىكا خىتايغا قاراتقان بىر قىسىم تاموژنا بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئويلاشماقتا

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن نۆۋەتتىكى پۇل پاخاللىقىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، تىرامپ دەۋرىدە خىتايغا قارىتا يولغا قويۇلغان بىر قىسىم تاموژنا باجلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئويلىشىش ھەققىدە ئامېرىكا سودا مىنىستىرىغا تەلەپ سۇنغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرى جىنا رېموندو 5-ئىيۇن CNN نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ ھەقتىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر مەسىلىنى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە پىرېزىدېنت بايدېننىڭ بۇ ھەقتە ئانالىز يۈرگۈزۈشنى ئاللىبۇرۇن تەلەپ قىلىپ بولغانلىقىنى ۋە كەلگۈسىدە ئالاقىدار قارار چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ سۆزىدە تۇرمۇش بۇيۇملىرى، ۋېلىسىپىت قاتارلىق مەھسۇلاتلارغا قارىتىلغان تاموژنا بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئەمما بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىدىكى ئىشچىلارنىڭ مەنپەئەتى ۋە پولات-تۆمۈر ساھەسىنى قوغداش ئۈچۈن، پولات-تۆمۈر ۋە ئاليۇمىندىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنى داۋاملىق ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەك قىسلىقى 2024-يىلىغىچە داۋاملىشىدىكەن.

پىرېزىدېنت بايدېن 2018-، 2019-يىللىرى نەچچە يۈز مىليارد دوللار قىممىتىدىكى خىتاي ماللىرىغا قارىتا يولغا قويۇلغان قىسمەن تاموژنا باجلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدە ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرىكى سۆزلىرىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنىدى.

نۆۋەتتە ئامېرىكا 40 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر پۇل پاخاللىقىغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، بايدېن ئالدىنقى ئايدا بۇ توغرۇلۇق دۆلەتلىك نۇتۇق سۆزلەپ، ئامېرىكىدىكى پۇل پاخاللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبلەرنىڭ خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى، دۇنيا خاراكتېرلىك تەمىنلەش زەنجىرى مەسىلىسى ۋە رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ئىكەنلىكىنى، بۇ كىرىزىسنى ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەنىدى.

نۆۋەتتە كۆپلىگەن ئىقتىسادشۇناسلار تىرامپ دەۋرىدە خىتاي ماللىرىغا قارىتا يولغا قويۇلغان تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ ئامېرىكىدىكى پۇل پاخاللىقىنى قانچىلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىتەلەيدىغانلىقىنى تالاش-تارتىش قىلماقتىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 846 قېتىم كۆرۈلدى
06/06/2022 17:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق