ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ئايروپىلانىنىڭ ئالدىنقى ئايدا ئاۋسترالىيەنىڭ بىر چارلىغۇچى ئايروپىلانىنى خەتەرلىك ھالدا توسۇۋالغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي تەرەپ بولسا بۇرۇنقىدەكلا بۇ ھەرىكىتىنى ئاقلاپ، پۈتۈنلەي قانۇنلۇق مەشغۇلات قىلغانلىقىنى دەۋا قىلدى.
ئاۋسترالىيە ABC رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 5-ئىيۇن بايانات ئېلان قىلىپ، 26-ماي ئاۋسترالىيە خان جەمەتى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بىر ئايروپىلانى جەنۇبىي دېڭىزدا چارلاش خىزمىتى ئىجرا قىلىۋاتقاندا، خىتاينىڭ J-16 تىپلىق بىر كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ ئۇچۇش لىنىيەسىگە كىرىپ، كاشىلا پەيدا قىلغۇچى بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى، بۇ خىل خەتەرلىك ئۇسۇل بىلەن ئۇچۇشقا توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى ئانتونى نورمان ئالبانېس بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، خىتاي تەرەپكە ئەندىشىسىنى يەتكۈزگەنلىكىنى قەيت قىلغان. ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رىچارد مارلېسمۇ خىتاينىڭ بۇ خەتەرلىك ھەرىكىتىدىن چۆچۈپ قالمايدىغانلىقىنى، جەنۇبىي دېڭىزدىكى چارلاش ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارا قانۇندا بېكىتىلگەن ھوقۇقى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇنى يەنە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن بۈگۈنكى ئاخبارات يىغىنىدا بۇ ھەقتىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، خىتاي تەرەپنىڭ خەلقئارالىق نىزاملارغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلغانلىقىنى، ئاۋسترالىيەنىڭ دېڭىزدا يۈرۈش ئەركىنلىكى نامىدا خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنى دەۋا قىلغان.
يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئاۋسترالىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى داۋاملىق يىرىكلىشىپ ماڭغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى سۈركىلىشلەر ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ھەربىي ساھەلەرگىچە كېڭەيمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم