ئۇيغۇرلارنىڭ بايراملىرىغا چەكلىمە قويغان خىتاي ئۆز بايراملىرىنى زورلاپ تاڭماقتا

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتايلاشتۇرۇش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نارازىلىقلىرىغا پىسەنت قىلماي، خىتاي مەدەنىيىتىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى خەلققە داۋاملىق مەجبۇرىي تاڭماقتا.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 4-ئىيۇندىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى كەنتلىرىگە خەلقنى نازارەت قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاتالمىش «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكى خىتاي خىزمەتچىلىرى كەنت ئاھالىلىرىنى خىتايلارنىڭ «زۇڭزا» دەپ ئاتىلىدىغان يېمەكلىكىنى تۈگۈشكە مەجبۇرلىغان. خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى خىتاي خادىملىرى يەنە مەھەللە پائالىيەت مەركىزىدە ياشانغانلارنى خىتاي مەدەنىيىتىگە تەۋە ئەجدىھا قولۋاقلىرىنى ياساشقا مەجبۇرلىغاندىن باشقا، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى خىتايلارنىڭ دۈەنۋۇ بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھېكايىسى ھېسابلىنىدىغان چۈ يۈەن ھېكايىسىنى سۆزلەشكە مەجبۇرلىغان. خەۋەردە يەنە كورلا شەھىرى قاتارلىق جايلاردا ئاتالمىش «ئەجدىھا قولۋاق مۇسابىقىسى» ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ئالاھىدە خەۋەر قىلىنغان.

نۆۋەتتە خىتاي مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلايدىغان بۇ خىل پائالىيەتلەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ ئورگان تاراتقۇلىرى بۇلارنى كۈچەپ تەشۋىق قىلغان، شۇنداقلا بۇ خىل مەجبۇرىي تېڭىلغان پائالىيەتلەرنى ئاتالمىش «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» سىياسىتىگە باغلاپ يازغان ماقالە، ئوبزورلارنى ئېلان قىلغان.

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئاتالمىش «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكى خادىملىرى ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنى نازارەت قىلىش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتاي مەدەنىيىتىگە ئالاقىدار تور لېكسىيەلىرىنى ئاڭلاشقا، خىتاينىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كۆرۈشكە تەشكىللەش ئارقىلىق، خىتاي مەدەنىيىتىنى خەلققە زورلاپ تاڭغان.

خىتاي داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان دۈەنۋۇ بايرىمى خىتايلارنىڭ دۇنيا قارىشى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، ئەپسانە-رىۋايەتلىرى بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن بولۇپ، خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندا ئوچۇق-ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشكە باشلىغاندىن تارتىپ، شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، تۈرلۈك بايراملىرىنى ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرگە زورلاپ تاڭماقتا.

بۇندىن باشقا خىتاي رېجىمى يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي مەدەنىيىتىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇپ چىقىش» باھانىسى بىلەن ئۇيغۇر مىللىي ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئۆيلەرنى، ھويلا-ئاراملارنى چېقىپ، خىتايچە ئۇسلۇبتا سېلىشقا مەجبۇرلىماقتا. لوندون SOAS ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىۋاتقان پىروفېسسورى رېچېل ھارىس بۇ ھەقتە توختىلىپ: «قەبرىستانلىق، مەسچىت، چېركاۋلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خىتاي سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى. ھاكىمىيەتلەر شۇ ئارقىلىق ئىنسانلار بىلەن تارىخنىڭ باغلىنىشىنى، ئىنسانلار بىلەن ئۇلار ئولتۇراقلاشقان زېمىننىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ» دېگەنىدى.

كۆزەتكۈچىلەر خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان تېررور سىياسىتىنى بىلىپ يېتىپ، ئۇنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە باشلىغان بىر پەيتتە، خىتاي رېجىمىنىڭ ئۆز جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن يالغان تەشۋىقاتلارنى قاتتىق كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بىر قىسمى بولغان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1592 قېتىم كۆرۈلدى
06/06/2022 12:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق