ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈش تەلەپ قىلىندى

نەچچە ئون دۆلەت خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىدىن مەخسۇس گۇرۇپپا تەشكىللەپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئەمگەكچىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ب د ت خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىدىكى بىر كومىتېت پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ خەلقئارادا ئەمگەكچىلەر قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئەھۋالىنى مۇزاكىرە قىلىشنى پىلانلىغان. بۇ كومىتېت بۇندىن ئىلگىرىمۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى كەمسىتكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر خەلقئارا ئەمگەكچىلەر كومىتېتى ئۈچ تەرەپلىك خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇش تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان تەقدىردە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئومۇميۈزلۈك تۇتقۇن قىلىش، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن خورلاش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشىنى ئاساس قىلغان ھالدا تەكشۈرۈش باشلىشى مۇمكىن ئىكەن.

خىتاينىڭ يازما ھۆججەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي بۇ ھەقتىكى يىغىندا ئۆزىنى ئاقلاپ، قانۇن-نىزام ۋە ھەرىكەتلىرىنىڭ «كەمسىتىش ئەھدىنامىسى»گە تولۇق ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى مۇنازىرە قىلىشنى پىلانلىغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ خەۋەر قىلىشىچە، نەچچە ئونلىغان دۆلەت بۇ خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي بۇ يىل 4-ئايدا مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك ئىككى تۈرلۈك ئەھدىنامىنى تەستىقلىغان بولسىمۇ، بۇ ئەھدىنامىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان بارلىق ھۆججەتلەرنى تېخىچە خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىغا تاپشۇرمىغان. خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى ئەمەلدارىنىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىغا ئېيتىشىچە، ئادەتتە بۇ ئىشلارنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن بىر نەچچە ھەپتە ياكى بىر نەچچە ئاي ۋاقىت كېتىدىكەن. مەزكۇر كومىتېت خىتاي ماقۇللىغان ئەھدىنامىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى باھالاپ چىقىدىكەن.

ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن تەركىب تاپقان بۇ كومىتېت كېلەر ھەپتە مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ قۇرۇلۇشىنى قوبۇل قىلىش-قىلماسلىق ھەققىدە قارار چىقىرىشنى پىلانلىغان. خىتايغا ئۈچ تەرەپلىك ۋەكىللەر گۇرۇپپىسى ئەۋەتىش مەسىلىسى بۇ ھەقتىكى ھەرىكەتنىڭ تۇنجى قەدىمى ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر خىتايغا ئۈچ تەرەپلىك خىزمەت ئۆمىكى ئەۋەتكەندىن باشقا، يەنە تېخىمۇ كۆپ ھوقۇققا ئىگە بولغان تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇپ، خىتايغا ئەۋەتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغان 100 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە تەخمىنەن 35 قېتىم ئەمگەكچىلەر ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش ھەققىدىكى بۇ خىل ئەرزنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، يېرىمغا يېقىن ئەرزلەر ھەققىدە تەكشۈرۈش ھەيئىتى قۇرۇلغان. ئەمما پەقەت بىر قېتىملىق تەكشۈرۈش نەتىجىسى جازا يۈرگۈزۈش بىلەن ئاخىرلاشقان، يەنى 1998-يىلى بېرمىغا جازا يۈرگۈزۈلگەن. خىتاي 1919-يىلىدىن باشلاپ خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان بولۇپ، تەشكىلاتنىڭ قانۇنلۇق چەكلەش كۈچىگە ئىگە نۇرغۇن ئەھدىنامىسىغا ئىمزا قويغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1422 قېتىم كۆرۈلدى
04/06/2022 14:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق