4-ماي تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىنىڭ 33 يىللىق خاتىرە كۈنىدە خىتاي رېجىمى كونتروللۇقنى ۋە نازارەتنى ئالاھىدە كۈچەيتكەن بولۇپ، ھەتتا خوڭكوڭدىكى پۇقرالارنىڭمۇ يىغىلىشى چەكلەنگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بۇ يىلمۇ تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىنىڭ خاتىرە كۈنىدە تيەنئەنمېن مەيدانى ئەتراپىدىكى كونتروللۇقنى ئالاھىدە كۈچەيتكەن بولۇپ، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى زور دەرىجىدە كۆپەيتكەن. خوڭكوڭ ساقچى دائىرىلىرىمۇ ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ، بۇ كۈندە پۇقرالارنىڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈشىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇن بويىچە جازالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن بۇ ئالاھىدە كۈندە بايانات ئېلان قىلىپ، بۇندىن 33 يىل بۇرۇن تيەنئەنمېن مەيدانىدا ئەركىنلىك ۋە ئادالەت ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاي رېجىمىنىڭ قانلىق باستۇرۇشىغا، زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن خوڭكوڭ خەلقى ھەر يىلى بۇ كۈننى ئالاھىدە خاتىرىلەپ كەلگەنىدى. ئەمما خىتاي رېجىمى ئىككى يىل بۇرۇن خوڭكوڭ نۇسخىسىدىكى «دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى»نى ماقۇللىغاندىن كېيىن، خەلقنىڭ بۇ كۈننى خاتىرىلىشىنى، يىغىلىشىنى قانۇنسىز قىلمىش قاتارىغا كىرگۈزۈپ، رەسمىي چەكلىمە قويغان.
1989-يىلى 4-ئىيۇن خىتاي رېجىمى ئەسكەرلىرى ۋە تانكىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، تيەنئەنمېن مەيدانىدا ئەركىنلىك ۋە ئادالەت تەلەپ قىلغان ھالدا تىنچ نامايىش ئۆتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ۋە پۇقرالارنى قانلىق باستۇرغانىدى. گەرچە ئالاقىدار مەلۇماتلار ئېنىق جەزملەشتۈرۈلمىگەن بولسىمۇ، شۇ كۈنى مىڭلىغان پۇقرالارنىڭ ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ كەلمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم