تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 3-ئىيۇن ئەنقەرەدە مۇسابىقىگە چۈشكەن بولۇپ، ئىيى پارتىيەسى رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم ئارقىسىغا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى ئاسقان ھالدا مۇسابىقە كۆردى.
2022-يىللىق دۇنيا ئاياللار ۋالىبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى 31-ماي رەسمىي باشلانغان. مۇسابىقىگە تاللانغان دۆلەتلەر ئوخشىمىغان ئالتە دۆلەتتە ئايلانما مۇسابىقە ئوينايدىغان بولۇپ، تۇنجى ھەپتىلىك مۇسابىقىلەرنىڭ يېرىمى تۈركىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
خىتاي بىلەن تۈركىيەنىڭ دۆلەت كوماندىلىرى 3-ئىيۇن ئەنقەرە تەنتەربىيە زالىدا مۇسابىقىلەشكەن بولۇپ، مۇسابىقىگە ئىيى پارتىيەسى رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم بىر گۇرۇپپا ياشلار بىلەن بىللە مۇسابىقە كۆرگىلى باردى. ياشلار مەرال ئاقشەنەر خانىمنىڭ ئارقىسىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى كۆتۈرگىنىچە مۇسابىقە كۆردى ۋە «تۈركىستان تۈركتۇر، تۈرك پېتى قالىدۇ» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشتى.
بۇ ھەقتىكى سۈرەت ۋە سىنلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغاندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى مەرال ئاقشەنەر خانىمغا مەمنۇنىيىتىنى ۋە رەھمىتىنى بىلدۈرۈشتى. تۈركىيەنىڭ بىر قىسىم ئاخبارات ئورگانلىرىمۇ بۇ ھەقتە خەۋەر ئىشلىدى.
تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان ئىيى پارتىيەسى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن كۆپلەپ ئاۋاز چىقىرىپ كەلگەن بولۇپ، بۇلتۇر دېكابىر ئېيىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى تونۇشتۇرۇلغان بىر تەپسىلىي دوكلات ئېلان قىلغانىدى. مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلاش ئۈچۈن بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇرچە، تۈركچە، ئىنگلىزچە ۋە خىتايچە تۆت تىلدا تارقىتىلغانىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، 2022-يىللىق دۇنيا ئاياللار ۋالىبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ھەپتىسىدىكى بىر قىسىم مۇسابىقىلەر تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەندىن سىرت، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىمۇ 13-ئىيۇلدىن 17-ئىيۇلغىچە ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم