ئامېرىكا «2021-يىللىق خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى»نى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا داۋاملىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2-ئىيۇن «2021-يىللىق خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى»نى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا داۋاملىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، تەيۋەننىڭ دىنىي ئەركىنلىك ساھەسىدە ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.
بىلىنكېن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا بۇ يىللىق دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ: «خىتاي ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ۋە باشقا مىللەتلەرنى داۋاملىق باستۇرۇپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزمەكتە. خىتاي 2017-يىلى 4-ئايدىن بېرى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا توپلارنى شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىغا قامىدى، ھەرقايسى دىنلارنى كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيەسىگە خىلاپ دەپ قاراپ، دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا داۋاملىق پاراكەندىچىلىك سالدى. خىرىستىيان دىنى، ئىسلام دىنى ۋە داۋجاۋ دىنىنىڭ ئىبادەت ئورۇنلىرىنى ۋەيران قىلىپ، مۇسۇلمانلار، خىرىستىيانلار، تىبەتتىكى بۇددا دىنى مۇرىتلىرى ۋە شۇنداقلا فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ۋە ئولتۇراقلىشىشىغا توسقۇنلۇق قىلدى» دېگەن.
مەزكۇر دوكلاتتا ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە تاراتقۇلار ئېلان قىلغان دوكلاتلار نەقىل قىلىنغان بولۇپ، خىتاينىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنى قىيىن-قىستاققا ئالغانلىقى، ناچار مۇئامىلە قىلغانلىقى، تۇتقۇن قىلغانلىقى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقى، خىتاي كومپارتىيەسى ئىدېئولوگىيەسىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىغانلىقى، ھەتتا دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار قامالغان ئورۇنلاردا داۋاملىق ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋالى يۈز بېرىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى ئەلچىسى راشاد ھۈسەيىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاي رېجىمىنىڭ ئىلغار تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىپ، شەرقىي تۈركىستاننى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.
ئۇ خىتاينىڭ ئاساسلىقى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە باشقا مىللەتلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى داۋاملىق سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى، سۈنئىي ئىدراك ۋە چىراي تونۇش قاتارلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىلغار تېخنىكىلارنى ئىشلىتىپ، ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلانغان شەرقىي تۈركىستاندا نازارەت ۋە كونتروللۇقنى كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ باياناتىدا يەنە: «بارلىق دەلىل-ئىسپاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۆلۈپ كەتكەن. قىيناش ۋە جىسمانىي جەھەتتىن خورلاش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلارنىڭ ئارقىسىدا مىڭلىغان ئۇيغۇر ئائىلىسى بار. بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ نەدىلىكىنى بىلىشكە تەلپۈنمەكتە. ئەمما ئۇلار ئاتا-ئانىلىرى ۋە پەرزەنتلىرى ھەققىدە باشقىچە خەۋەر ئاڭلاپ قېلىشتىن ئەنسىرەيدۇ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىخەتەر جەم بولالايدىغان-بولالمايدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ» دېگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 1998-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى «خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى» ئېلان قىلىپ، 200 گە يېقىن دۆلەت ۋە رايوننىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، تونۇشتۇرۇپ كەلمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ