ب د ت شەرقىي تۈركىستان دوكلاتىنى ئېلان قىلىشنى يەنە كېچىكتۈردى

خەلقئارا جەمئىيەت ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى ئىشخانىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار دوكلاتىنى تېزدىن ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتىنىڭ يەنە كېچىكتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 2-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى ئىشخانىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى پات يېقىندا ئېلان قىلىش ئېھتىماللىقى تۆۋەن بولۇپ، مەزكۇر ئىشخانىنىڭ باياناتچىسى ئېلىزابېت سىروسېل بۇ ئۇچۇرنى دەلىللىگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، دوكلات مەزمۇنى مىشېل باچېلېتنىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرلاشقان شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىدىكى «كۆزىتىشلىرى»گە ئاساسەن يېڭىلىنىدىكەن، شۇنداقلا ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن خىتاينىڭ مەزكۇر دوكلات ھەققىدىكى باھاسى ۋە تەكلىپ-پىكىرى ئېلىنىدىكەن.

مەزكۇر ئورگاننىڭ بىر سابىق خىزمەتچىسى بۇ جەريان ئۈچۈن نەچچە ھەپتە، ھەتتا نەچچە ئاي ۋاقىت كېتىشى مۇمكىنلىكىنى، كونكرېت ۋاقىتنىڭ يەنىلا مىشېل باچېلېتنىڭ ئىشخانىسى ۋە خىتاي رېجىمىنىڭ سىياسىي خاھىشىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ كېيىنكى قېتىملىق يىغىنى 12-ئىيۇندىن 8-ئىيۇلغىچە ئېچىلىدىغان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر شەرقىي تۈركىستان دوكلاتىنىڭ بۇ قېتىملىق يىغىندىن بۇرۇن ئېلان قىلىنىشىغا گۇمان بىلەن قاراشقان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بىر مۇتەخەسسىسى بۇ ھەقتە توختىلىپ، دوكلات مەزمۇنىنى يېڭىلاشنى توغرا چۈشەنگىلى بولسىمۇ، بۇنى ئېلان قىلىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈشنىڭ باھانىسى قىلىۋېلىشقا بولمايدىغانلىقىنى، مەزكۇر دوكلاتنىڭ چوقۇم خىتاي رېجىمىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى ئىشخانىسىنىڭ مەزكۇر دوكلاتى ئاللىبۇرۇن پۈتۈپ بولغان بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر كۆپ قېتىم كېچىكتۈرۈلۈپ كەلمەكتە. جۈملىدىن خەلقئارا جەمئىيەت باچېلېتنىڭ ئىشخانىسىدىن شەرقىي تۈركىستان دوكلاتىنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىدىن بۇرۇن ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بۇ ھەقتىكى چاقىرىقلارنىڭ ئۈنۈمى بولمىغان. بەزى مەنبەلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي رېجىمى باچېلېتتىن ئولىمپىكتىن بۇرۇن شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار دوكلات ئېلان قىلىشنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇندىن كېيىن بىر قىسىم ھۆكۈمەت ۋە تەشكىلاتلار مىشېل باچېلېتنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىدىن بۇرۇن مەزكۇر دوكلاتنى ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، يەنىلا نەتىجىسىز ئاخىرلاشقان.

باچېلېتنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىدىن كېيىن خىتاينىڭ كۈتكىنىدەك بايانات ئېلان قىلىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان بىر پەيتتە، شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى دوكلاتنىڭ يەنە كېچىكتۈرۈلۈشى دىققەت قوزغىماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 1069 قېتىم كۆرۈلدى
03/06/2022 12:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق