ۋاشىنگتوندىكى «كوممۇنىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار خاتىرە فوندى»نىڭ رەئىسى يېقىندا ئاشكارىلانغان شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ مەخپىي ھۆججەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ ھازىرغىچە ئاشكارىلانغان ئەڭ مۇھىم مەخپىي ھۆججەت ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى جازا لاگېرىغا قاماشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جىنايەتلىرىنى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
كوممۇنىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلار خاتىرە فوندىنىڭ رەئىسى، ئامېرىكىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى ئاندرېۋ بىرېمبېرگ ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يېڭىدىن ئاشكارىلانغان مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭ ئەھمىيىتىنى سۆزلەپ ئۆتكەن.
بىرېمبېرگ مەزكۇر ساقچى ھۆججەتلىرىنىڭ سەل قاراشقا بولمايدىغان ئەھمىيەتكە ئىگە، مىسلى كۆرۈلمىگەن مۇھىم ئىسپاتلار ئىكەنلىكىنى، بۇ ھۆججەتلەرنىڭ تەبىئىي ئاشكارىلانغان ئەمەس، بەلكى خاككېرلار تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى، ئۆتكەن بىر نەچچە يىل ئىچىدە ھېچكىمنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان نەچچە ئون مىڭ ھۆججەتنى ئاشكارىلاپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ يەنە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېت ھەققىدە توختىلىپ، ئاشكارىلانغان مەخپىي ھۆججەتلەرنى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىغا كىرگۈزۈشى كېرەكلىكىنى، شۇنداقلا دوكلاتنى دەرھال ئېلان قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كەتكەن مەخپىي ھۆججىتى مىڭلىغان سۈرەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنى ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇتقۇن سىستېمىسىنىڭ قانداق خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم كۆرسىتىپ بەرگەن. يەنە نەچچە مىڭلىغان ھۆججەتلەر بولسا جازا لاگېرىنىڭ ئىچكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى، خىتاي رېجىمىنىڭ خەلقنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى، بىر قىسىم ناھىيەدىكى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %12 تىن كۆپرەكىنى قەرەلسىز تۇتۇپ تۇرغانلىقىنى، ھەتتا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىمۇ تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
خىتاي رېجىمى بولسا ئىلگىرىكىدەكلا جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىپ، جازا لاگېرلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى» ئىكەنلىكى، ئاشكارىلىغان مەزكۇر ھۆججەتلەرنىڭ يالغان ئىكەنلىكى ھەققىدە جار سالماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ