خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا پاش قىلىش تور سۇپىسىنى يولغا قويدى

شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تېخىمۇ قاتتىق نازارەت قىلىش ۋە باستۇرۇشنى كۈچەيتىشتەك رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، يېڭىدىن «جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارەت قىلىش-پاش قىلىش تور سۇپىسى»نى رەسمىي يولغا قويغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئاتالمىش «شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارەت قىلىش-پاش قىلىش تور سۇپىسى»نى تونۇشتۇرۇپ: «بۇ سۇپا ئەرز قىلىش، باھالاش، قوبۇل قىلىش، ئوبوروت قىلىش، قايتما ئىنكاس، تەھلىل قىلىش قاتارلىق فۇنكسىيەلەر بىر گەۋدىلەشكەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سۇپىسى. كىشىلەر ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاش ئارقىلىق، پۈتۈن رايوندىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ كۆزنەك مۇلازىمىتى، ساقچىلارنىڭ دېلو بېجىرىشى، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش ئەھۋاللىرىنى بىۋاسىتە پاش قىلسا، ئەرز قىلسا بولىدۇ» دېيىلگەن.

خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر تور سۇپىسىنى يولغا قويۇشتىكى رەزىل مەقسىتىنى پەردازلاپ، بۇ سۇپىنىڭ ساقچى-خەلق مۇناسىۋىتى ئالاقە يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش، ساقچىلارنىڭ قائىدە بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىشىنى نازارەت قىلىش ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان تېررور سىياسىتى شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بۇيان ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى كىشىنىڭ ئەقلىگە كەلمەيدىغان ۋەھشىي ۋاسىتىلەر بىلەن كونترول قىلماقتا ۋە باستۇرماقتا. ھەتتا كىشىلەرنىڭ جىددىيلىشىش، ئاچچىقلىنىش قاتارلىق تۈرلۈك كەيپىياتىنى ئانالىز قىلالايدىغان سۈنئىي ئىدراكلىق كۆزىتىش سىستېمىسى ياساپ چىقىپ، ئۇيغۇرلارنى سىناق ئوبيېكتى ۋە نىشان قىلماقتا.

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى كونترول قېلىش ئۈچۈن يۇقىرى تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىپ كەلگەن بولۇپ، دوكلاتلاردا بىلدۈرۈلۈشىچە، دۇنيادىكى كۆزىتىش كامېراسى ئەڭ كۆپ ئون شەھەرنىڭ سەككىزى خىتايدا ئىكەن. شۇنداقلا دۇنيادىكى تەخمىنەن 800 مىليون كۆزىتىش كامېراسىنىڭ يېرىمى خىتايغا جايلاشقانىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، كۆپىنچە سانلىق مەلۇماتلار «ئۇنىۋېرسال بىرلەشمە مەشغۇلات سۇپىسى» دەپ ئاتىلىدىغان كومپيۇتېر سىستېمىسىغا توپلانغان بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ سىستېمىنىڭ گۇمانلىق ھەرىكەتلىرىنى بايقىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

كولورادو ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچى دوكتور دارېن بايلېرمۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى سانلىق مەلۇمات يارىتىشتىن ئىبارەت. ھەممەيلەن يانفوننىڭ چوقۇم ئېلىپ يۈرۈشكە تېگىشلىك نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئەگەر يانفون ئېلىپ يۈرمىسىڭىز، قولغا ئېلىنىسىز. ئۇلار ئۆزىنىڭ كۆزىتىلىۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ، ھەرگىز قېچىپ قۇتۇلالمايمىز، دەپ ھېس قىلىدۇ» دېگەنىدى.

نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي دائىرىلىرى نازارەت دائىرىسىنى تېخىمۇ زورايتىپ، خەلقنى ئادەم كۈچى ئارقىلىق كۆزىتىش، پاش قىلىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئۈسكۈنە ۋە سىستېمىلارنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا چىقارماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1694 قېتىم كۆرۈلدى
02/06/2022 15:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق