«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» بۇ ئايدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ

ئامېرىكا تاموژنا دائىرىسىنىڭ بىر ئالىي ئەمەلدارى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»نى 21-ئىيۇندىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىشقا باشلايدىغانلىقىنى، ئالاقىدار تەييارلىقلارنىڭ پۈتۈپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»نى ئىجرا قىلىش مەخسۇس گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇل ئەمەلدارى 1-ئىيۇندىكى باياناتىدا ئالاقىدار تەييارلىقلارنىڭ پۈتۈپ بولغانلىقىنى، مەزكۇر قانۇننى 21-ئىيۇندىن تارتىپ رەسمىي ئىجرا قىلىشقا باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولغاچقا، مەزكۇر قانۇن ئىجرا قىلىنىش جەريانىدا ئامېرىكا تاموژنىسى ھەر يىلى تەكشۈرىدىغان سودا-سېتىقلارنىڭ سانى نۆۋەتتىكى بىر مىليونغا يەتمىگەن ھالەتتىن، بىراقلا 11 يېرىم مىليونغا ئۆرلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئىجرا قىلغۇچى خادىملاردىنمۇ 300 نى كۆپەيتىشكە توغرا كېلىدىكەن. ئالاقىدار تېخنىكا ۋە تەربىيەلەشلەرگە بولغان ئېھتىياجمۇ كۆرۈنەرلىك ئاشىدىكەن.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بۇلتۇر 12-ئايدا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»نى رەسمىي ئىمزالىغان بولۇپ، ئالاقىدار نىزاملارغا ئاساسەن پىرېزىدېنت ئىمزا قويۇپ 180 كۈندىن كېيىن ئىجرا قىلىنىشقا باشلايتتى. مەزكۇر قانۇنغا ئاساسەن، ئەگەر ئامېرىكا دائىرىلىرى تەرىپىدىن مەجبۇرىي ئەمگەك يوق، دەپ ئىسپاتلانمىغان تەقدىردە، شەرقىي تۈركىستاندا ياكى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دائىرىلىرىگە چېتىشلىق زاۋۇت-كارخانىلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق مەھسۇلاتلار مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ ۋە ئامېرىكىنىڭ «1930-يىلىدىكى تاموژنا بېجى قانۇنى»غا ئاساسەن، بۇ مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

مەسئۇل ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە، مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاش ئۆلچىمى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، مەھسۇلاتنىڭ بارلىق تەمىنلەش زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەك مەۋجۇت بولماسلىقى تەلەپ قىلىنىدىكەن. يالغان ئىسپات تاپشۇرغان تەقدىردە جازالىنىدىكەن.

ئانالىزچىلار «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن، پۈتۈن دۇنيانىڭ تەمىنلەش زەنجىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي سۈركىلىشنى يەنە بىر قەدەم كۈچەيتىدىغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ ئەمەلىي ئەھۋالنىڭ يەنىلا مەزكۇر قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىش دەرىجىسىگە باغلىق ئىكەنلىكنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 1128 قېتىم كۆرۈلدى
02/06/2022 12:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق