تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ۋەزىيىتى قايتىدىن جىددىيلەشمەكتە

يېقىنقى كۈنلەردە تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ۋەزىيىتى قايتىدىن جىددىيلىشىشكە باشلىغان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي ئۇرۇش رايونى قىسىملىرى تەيۋەن ئەتراپىدا ئۇرۇش تەييارلىقى چارلىشىنى كۈچەيتكەن.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 1-ئىيۇندىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى مەيدانىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىغان خىتاي شەرقىي ئۇرۇش رايونى قىسىملىرىنى تەيۋەن ئەتراپىدىكى دېڭىز ۋە ھاۋا تەۋەلىكىدە كۆپ خىل ئارمىيە تۈرى بىرلەشمە ئۇرۇش تەييارلىقى بويىچە چارلاشقا تەشكىللىگەن.

خىتاي شەرقىي ئۇرۇش رايونىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى يېقىندا خىتاي ئارمىيەسىنىڭ شەرقىي ئۇرۇش رايونى قىسىملىرىنى تەيۋەن ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىز، ھاۋا تەۋەلىكىدە كۆپ خىل ئارمىيە تۈرلىرى بىرلەشمە ئۇرۇش تەييارلىقى ئۈچۈن چارلاشقا تەشكىللىگەنلىكىنى، بۇ ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن بىلەن «تىل بىرىكتۈرگەنلىكى»گە قارىتا قوللانغان زۆرۈر ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى، يېقىندىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدە جىم تۇرمايۋاتقانلىقىنى، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالدا تەيۋەن مۇستەقىللىق كۈچلىرىنى قۇترىتىپ ۋە قوللاپ، تەيۋەننى خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي باياناتچىسى يەنە ئامېرىكىغا تەھدىت سېلىپ: «ئامېرىكا تەيۋەننى قوللاش يولىدا مېڭىۋەرسە، ئۆزىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتكە قالىدۇ» دېگەن ۋە شۇنداقلا ئۇرۇش رايونىدىكى ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشنى كۈچەيتىدىغانلىقى، ھەرقانداق تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىنى ۋە تەيۋەن مۇستەقىلچى كۈچلىرىنى مەغلۇپ قىلىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.

خىتاي يېقىنقى مەزگىللەردە تەيۋەن مەسىلىسىنى قورال كۈچى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدىكى قارا نىيىتىنى كۆپلەپ تەكىتلەۋاتقان بولۇپ، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن تەيۋەننى قورال كۈچى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئۇنچە ئاسانغا توختىمايدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكەن. ئۇندىن باشقا ئامېرىكىنىڭ يېقىندىن بېرى تەيۋەن مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى قايتا-قايتا تەكىتلىشى خىتاينى جىددىيلەشتۈرگەن ۋە بىئارام قىلغان.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى داكۋورس 30-ماي تەيۋەندە زىيارەتتە بولغان بولۇپ، تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن بىلەن كۆرۈشكەندە: «ئامېرىكا تەيۋەننى ھەربىي جەھەتتە قوللاپلا قالماستىن، يەنە تەيۋەننىڭ يالغۇز جەڭ قىلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، ئامېرىكا تەيۋەن بىلەن بىر سەپتە تۇرىدۇ» دېگەنلەرنى تەكىتلىگەن.

ئۇندىن باشقا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېنمۇ 23-ماي ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا بىلەن توكيودا كۆرۈشكەندە، مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، زۆرۈر تېپىلغاندا تەيۋەننى قوغداش ئۈچۈن، ھەربىي مۇداخىلە قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 902 قېتىم كۆرۈلدى
02/06/2022 12:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق