خىتاي جۇڭغار ئويمانلىقىدا 10 مىليون توننىدىن ئارتۇق نېفىتنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى

خىتاي «دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ زىچ قورام تاشلىق نېفىتلىك» دەپ ئاتالغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى «ماخۇ نېفىتلىكى»دىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان خام نېفىت جەمئىي 10 مىليون 126 مىڭ توننىغا يەتكەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، 28-مايغىچە خىتاي نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى نېفىتلىك شىركىتى ماخۇ نېفىتلىكىنىڭ خام نېفىت مەھسۇلاتىنىڭ جەمئىي 10 مىليون 126 مىڭ توننىغا يېتىپ، 10 مىليون توننىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇڭغار ئويمانلىقىغا جايلاشقان، خىتاي تەرىپىدىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىۋاتقان ماخۇ نېفىتلىكى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ زىچ قورام تاشلىق نېفىتلىك ئىكەن. خىتاي بۇ جاينى خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىشىنى مۇقىملاشتۇرۇش، مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم رايون، دەپ قارىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ماخۇ نېفىتلىكى چارلاش رايونىنىڭ كۆلىمى 7300 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، خەلقئارادا ئاز ئۇچرايدىغان نېفىت مول توپلاشقان رايون بەلبېغى ھېسابلىنىدىكەن. 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئاتالمىش خىتاي نېفىت شىركىتى ماخۇ رايونىدا زاپاس مىقدارى بىر مىليارد توننا دەرىجىلىك قورام تاشلىق نېفىتلىك بايقالغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلغان. زىچ قورام تاشلىق نېفىت زاپىسىنىڭ يوچۇق دەرىجىسى تۆۋەن بولۇپ، خام نېفىت كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان تاغ جىنسلىرىنىڭ يوچۇقلىرىدا ساقلىنىدىكەن. زىچ قورام تاشلىق نېفىت زاپىسىدىكى چۆكۈندى، زاپاس توپلانغان قاتلام ۋە زاپىسىنىڭ شەكىللىنىشى ئۆزگىچە بولۇپ، پۈتۈن يەرشارى مىقياسىدا بىۋاسىتە سېلىشتۇرۇشقا ۋە ئۆرنەك قىلىشقا بولىدىغان ئېچىش تەجرىبىسى كەمچىل ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ماخۇ نېفىتلىكىدە قېزىپ چىقىلغان نافتېنلىق خام نېفىت ئىنتايىن كەم ئۇچرايدىغان ئىستراتېگىيەلىك بايلىق بولۇپ، خام نېفىت ئىچىدىكى «سىيرەك توپا» دەپ قارىلىدىكەن. ئۇنى خام ئەشيا قىلىپ ئايرىۋېلىنغان زور نىسبەتلىك ئاۋىياتسىيە كىرسىنى ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق سىلىقلاش مېيى ئاساسلىقى ئالەم قاتنىشى ۋە باشقا يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا ساھەلىرىدە ئىشلىتىلىدىكەن. نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى ماخۇ نېفىتلىكىنى كۈچەپ ئېچىشقا باشلىغان.

مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل ماخۇ نېفىتلىكىدە خام نېفىتنىڭ ئەڭ يۇقىرى كۈندىلىك مەھسۇلات مىقدارى 9300 توننىدىن ئېشىپ، يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 3 مىليون 100 مىڭ توننىغا يېتىدىكەن. خىتاي بۇ رايوندا 2025-يىلى يىللىق مەھسۇلات مىقدارىنى 5 مىليون توننىغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن چىققان تەبىئىي بايلىقلارنى پۈتۈنلەي ئۆز ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، ھەقىقىي ئىگىلىرى بولغان يەرلىك خەلقنىڭ ھېچقانداق مەنپەئەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاندا ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ماس ھالدا، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1154 قېتىم كۆرۈلدى
01/06/2022 15:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق