ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېتنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئالدىن تەييارلىغان ساختا ئورۇنلارنى زىيارەت قىلدۇرۇپ يولغا سالغان ۋە كۈتكىنىدەك باياناتقا ئېرىشكەن خىتاي يالغان تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتتە ئاللىبۇرۇن ئىسپاتلانغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى يوشۇرۇشنى، ئۆزىنى ئاقلاشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 30-ماي ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنۇپ: «باچېلېتنىڭ خىتاي زىيارىتى ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بويىچە بولدى. خىتاي تەرەپ ئۇنى ھېچقانداق نازارەت قىلمىدى» دەپ بىلجىرلىغان.
جاۋ لىجيەن يەنە مىشېل باچېلېتنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى ھەققىدىكى باياناتىنى ماختاپ، ئۇنىڭ «ئوبيېكتىپ ۋە ئادىل يەكۈن چىقارغانلىقى»نى دەۋا قىلغان. ئۇ يەنە ئامېرىكىغا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى ئاقلاشتەك كونا تاكتىكىسىنى قوللىنىپ: «ئەسلىدە خىتاينى زىيارەت قىلىشنى تەلەپ قىلغىنى ئامېرىكا ئىدى. ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكا باچېلېتنىڭ زىيارىتىنى ئۆزى كونترول قىلماقچى بولغان» دەپ بىلجىرلىغان.
نۆۋەتتە بىر قىسىم دۆلەت رەھبەرلىرى، شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى تەتقىق قىلغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئارقا-ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ مىشېل باچېلېتنى قىلتاققا دەسسىتىپ رەزىل مەقسەتكە يەتمەكچى بولغانلىقىنى، باچېلېتنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىنىڭ خىتاينىڭ كۈتكىنىدەك بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا ماسلىشىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
خىتاي ئىشغالىيەتچى رېجىمى شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلغاندىن بېرى تېررور سىياسىتىنى ئىزچىل توختاتمىغان بولۇپ، 2014-يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن دىنىي، مىللىي قىممەت قاراشلىرىدىن، ئۆز مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىماقتا. ئۇندىن باشقا خىتاي دائىرىلىرى ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن تۈزۈپ چىقىپ، 2018-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە بولغان بەش يىل ئىچىدە ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى قانۇنلاشتۇرغان. خىتاينىڭ مەزكۇر پىلانىغا ئاساسەن، شەرقىي تۈركىستاندا ھازىرغا قەدەر 16 مىڭغا يېقىن مەسچىت چېقىۋېتىلگەن ياكى بۇزۇۋېتىلگەن. ساق قالغان بىر قىسىم مەسچىتلەر باشقا پائالىيەت سورۇنلىرىغا ئۆزگەرتىلگەن. ئۇندىن باشقا دىنغا ئالاقىدار بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەر پۈتۈنلەي چەكلەنگەن بولۇپ، خەلق ئىسلام دىنىدىن، مىللىي كىملىكىدىن پۈتۈنلەيس ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلانغان.
ھالبۇكى، شەرقىي تۈركىستاندا سادىر قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى خەلقئارا جەمئىيەتتە دەلىل-ئىسپاتى بىلەن ئاشكارىلانغان بىر پەيتتە، خىتاي رېجىمى جىنايى قىلمىشلىرىنى داۋاملىق ئىنكار قىلماقتا. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارىنىڭمۇ ئۇزۇن يىللىق سۆھبەت داۋامىدا تەستە قولغا كەلگەن شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى پۇرسىتىنى خىتاينىڭ كۈتكىنى بويىچە ئىجرا قىلىشى ۋە «خىتاينىڭ ھەقىقەتەن تېررورلۇققا ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى كۈرەش قىلغانلىقى»نى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى كۈچلۈك تەنقىدكە دۇچ كەلمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ