شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار كۆپەيدى

شەرقىي تۈركىستاندا 30-ماي بىر كۈن ئىچىدە كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىدىن تۆتى كۆپەيگەن بولۇپ، خىتاي «ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» باھانىسى بىلەن، شەرقىي تۈركىستاندىكى كونتروللۇقنى داۋاملىق كۈچەيتمەكتە.

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا 30-ماي 24 سائەت ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار كۆرۈلمىگەنلىكى، كېسەللىك ئالامىتى يوق تۆت يۇقۇملانغۇچىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. بۇلار ئىلگىرى دوكلات قىلىنغان ئىككى يۇقۇملانغۇچى بىلەن قويۇق ئۇچراشقانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئايرىپ كۆزىتىلگەنلەر ئىچىدىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقالغان. بىمار بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارنىڭ ھەممىسى تىببىي كۆزىتىلىش ئورنىغا ئەۋەتىلگەن.

نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچى جەمئىي 37 بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونىدا ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رېجىمى ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى باھانە قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدا قامالنى كۈچەيتكەن. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمى سەۋەبلىك چەكسىز كونترول قىلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىككىلىنىپ قالغان خىتاي ۋىرۇس باھانىسى بىلەن ھەر تەرەپتىن قامالنى كۈچەيتمەكتە ئىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1472 قېتىم كۆرۈلدى
31/05/2022 14:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق