ئىستانبۇل فەتھى قىلىنغانلىقىنىڭ 569 يىللىقى داغدۇغىلىق تەبرىكلەندى

29-ماي ئىستانبۇلدا ئىستانبۇلنىڭ ئەڭ چوڭ مەيدانلىرىدىن بىرى بولغان بۇرۇنقى ئاتاتۈرك ئايرۇدرومى مەيدانىدا 560 مىڭدىن كۆپ كىشىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ فەتھى قىلىنغانلىقىنىڭ 569-يىلى داغدۇغىلىق تەبرىكلەندى.

تەبرىكلەش مۇراسىمىغا تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى رەھبىرى دۆلەت باھچېلى، بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى رەئىسى مۇستافا دەستىجى، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى  مۇستافا شەنتوپ، مۇئاۋىن پىرېزىدېنت فۇئات ئوكتاي ۋە باشقا دۆلەت رەھبەرلىرى قاتناشتى.

بۇ داغدۇغىلىق پائالىيەتكە ئۇيغۇرلارمۇ تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ئەزا تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە شەخىسلەردىن بولۇپ بىر تۈركۈم كىشىلەر ۋە خانىم-قىزلار قاتناشتى.

مۇراسىمدا سۆز قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆزىنى رەسۇلۇللاھنىڭ ئىستانبۇلنىڭ چوقۇم فەتھى قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە خۇش بىشارەت بېرىپ: "ۋىزانتىيە چوقۇم فەتھى قىلىنىدۇ! ئۇنى فەتھى قىلىنغان قومانداق نېمىدېگەن ئېسىل قوماندان! ئۇنى فەتھى قىلغان ئەسكەرلەر نېمىدېگەن ئېسىل ئەسكەرلەر!" دېگەن ھەدىسى بىلەن باشلىدى.

ۋە سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز خۇش بىشارەت بەرگەن بۇ ئەزىز مىللەتنىڭ بىر ئەۋلادى بولغانلىقىدىن ۋە بۇ مىللەتكە بىر خىزمەتكار بولالىغانلىقىدىن ئاللاھقا ھەمدۇسانالار ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سەھنىدە تارىختا قۇرۇلغان ئۇيغۇر دۆلىتى، قاراخانلى دۆلىتى ۋە كۆكتۈرك دۆلىتى قاتارلىق 16 دۆلەتنىڭ ئەسكىرى كېيىملىرىنى كەيگەن ۋە بايراقلىرىنى تۇتقان ھالەتتە جەسۇر كەيپىياتتا تۇرغان ئەسكەرلەر دىققەت قوزغىدى.

ئۇ تەبرىكلەش مۇراسىمىدا يەنە مەزكۇر مەيداننىڭ يەنى بۇرۇنقى ئاتاتۈرك ئايرۇدرومىدىن بىكار قىلىنغان مەيداننىڭ مىللەت باغچىسىغا ئايلاندۇرۇلىدىغانلىقىنى ۋە ئالدىمىزدىكى يىلدىكى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا تۇنجى قىسىمىنىڭ رەسمىي ئېچىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر مىللەت باغچىسى پۈتكەندە دۇنيانىڭ 5-چوڭ شەھەر ئىچى باغچىسى بولىدىغان بولۇپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ باشلامچىلىقىدا ئىستانبۇلنىڭ فەتھى قىلىنىشىغا سىموۋول قىلىنغان ھالدا 5 مىليون 61 مىڭ كۇۋادىرات مېتىر كۆلەمدىكى يەرگە 145300 دەرەخ تىكىلدى.

مەزكۇر مىللەت باغچىسىغا يەنە كۆپلىگەن تەنتەربىيە سالونلىرى، بالىلار ئويۇن مەركەزلىرى ۋە ھەرخىل پائالىيەتلەرگە لايىق جايلار سېلىنىدىغان بولۇپ، ئالدىمىزدىكى يىلدىن باشلاپ خەلقنىڭ ئىشلىتىشىگە ئېچىلىدىكەن.

ئەردوغان سۆزىدە يەنە ئىشغال، قەتلىئام ۋە زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان دۆلەتلەرنى تىلغا ئالغاندا شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققىمۇ دىققەت تارتىپ: سۈرىيەدە، ئىراقتا، لىۋىيەدە "توختا!" دەۋاتىمىز، ئۇكرائىنادا، قىرىمدا "توختا!" دەۋاتىمىز، بوسنىيەدە، بالقانلاردا "توختا!" دەۋاتىمىز، قاراباغدا، كاۋكازلاردا "توختا!" دەۋاتىمىز، پەلەستىندە، تۈركىستاندا، ئاراكاندا "توختا!" دەۋاتىمىز دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ھەقىقىي گۈللىنىشى ۋە قۇدرەت تېپىشىنى ۋىزانتىيە تېروتېرىيەلىرىنى فەتھى قىلىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇردى. ھەم ئانادولۇدا ھەم رۇمىلىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان فەتھلەر نەتىجىسىدە، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسى پەقەت ئىستانبۇلدىنلا ئىبارەت بىر شەھەر دۆلىتىگە ئايلاندى. 1453-يىلىغا كەلگەندە، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى پادىشاھى 21 ياشلىق فاتىھ سۇلتان مۇھەممەد خان ئىستانبۇلنىڭ ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ قولىدا بولۇشىنىڭ، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تەھدىت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى ۋە قۇدرەتلىك قوشۇن بىلەن ئىستانبۇلنى مۇھاسىرىگە ئالدى. ئۇزۇن داۋاملاشقان مۇھاسىرىدىن كېيىن، قوشۇن بىۋاسىتە سۇلتان مۇھەممەد خان تەرىپىدىن لايىھەلەنگەن زەمبىرەك توپلىرى ۋە ئۇنىڭ دۈشمەننى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغان ھالدا بۈيۈك كېمىلەرنى قۇرۇقلۇقتىن ماڭغۇزۇپ دېڭىزغا چۈشۈرۈشى بىلەن 1453-يىلى 29-ماي كۈنى ئىستانبۇل فەتھى قىلىندى. شۇنداق قىلىپ ئىستانبۇل ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ پايتەختى بولدى. ھەتتا ئۆز ئىمپېراتورلىرى تەرىپىدىن ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ۋىزانتىيە خەلقىمۇ ئىسلامنىڭ ئادالىتىگە ئېرىشتى. ئوتتۇرا ئەسىر دەۋرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋرنى باشلاتقان ئىستانبۇلنىڭ فەتھى قىلىنىشى، دۇنيا تارىخىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ، غەربتە ئىسلاھات ۋە ئويغىنىش ھەرىكەتلىرىنىڭمۇ قوزغاتقۇچىسى بولدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1002 قېتىم كۆرۈلدى
31/05/2022 14:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق