دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر ھەققىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

يېقىندا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ يەنە بىر پاكىتى سۈپىتىدە ئاشكارىلانغان شەرقىي تۈركىستاندىكى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ مەخپىي ھۆججىتىنىڭ ئاشكارىلىنىشى خەلقئارا جەمئىيەتتە قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغانىدى. بۇ مەخپىي ھۆججەت خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ۋەھشىي جىنايى قىلمىشلىرىنى خەلقئاراغا يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلاپ، خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش ئۇرۇنۇشلىرىنى ۋە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

بۇمۇناسىۋەت بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى خەلقئارادا تېخىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 29-ماي شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولۇمدىكى پارلامېنت ئالدىدا بايانات ئېلان قىلىش ۋە نامايىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىشتا ساقچى ھۆججەتلىرىدە ئاشكارىلانغان خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلگەندىن باشقا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالى ئەمەلدارى مىشېل پاچېلېتنىڭ خىتاينىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ، نەتىجىسىز قايتىپ كەلگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.

29-ماي يەنە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلدى. بۇ نامايىشتا دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان خىتاي ساقچى ھۆججەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالى گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، لاگېرغا قامالغان تۇتقۇنلار ئىچىدىكى 500 كىشىنىڭ چوڭايتىلغان سۈرىتى ئامېرىكا پارلامېنتى ئالدىدىكى چىملىققا تىزىلدى.

كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ 29-ماي خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى شوئارلارنى توۋلىدى ھەمدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالى ئەمەلدارى مىشېل پاچېلېتنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن رەسىمنى كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ خىتايغا ئالدىنىپ، نەتىجىسىز قايتىپ كەلگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشتى.

29-ماي يەنە ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، خىتايغا قارشى نامايىش قىلدى ۋە بايانات ئېلان قىلدى. نامايىشتا دۇنيا كۈنتەرتىپىدە تۇرۇۋاتقان ساقچى ھۆججەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرەتلىرى كۆرگەزمە قىلىندى ھەمدە بايانات ۋە شوئارلار ئارقىلىق خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ھەرىكەتكە چاقىردى.

29-ماي يەنە تۈركىيەنىڭ قەيسەرى ۋىلايىتىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن خىتايغا قارشى نامايىش ۋە بايانات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. نامايىشتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى شوئارلارنى توۋلىغان خەلق بايانات ئارقىلىق ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالى ئەمەلدارى مىشېل پاچېلېتنىڭ خىتاينىڭ ئالدىنىپ، نەتىجىسىز قايتىپ كەلگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشتى.

27-ماي نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ جەم بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى نامايىش قىلغان بولۇپ، نامايىشتا ئوخشاشلا ئاشكارىلانغان ساقچى ھۆججەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرەتلىرى ۋە جازا لاگېرىغا قامالغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆتۈرۈپ، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈشتى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 989 قېتىم كۆرۈلدى
31/05/2022 14:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق