بىلىنكېن باچېلېتنىڭ زىيارىتىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېتنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن 28-ماي بايانات ئېلان قىلىپ: «ئامېرىكا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېت باشچىلىقىدىكى زىيارەت گۇرۇپپىسىنىڭ چەكلىمىلىك ۋە كونتروللۇق ئىچىدە خىتايغا قىلغان زىيارىتىدىن ئەپسۇسلىنىدۇ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش مەسىلىسىدىن دائىم ئەندىشە قىلىدۇ. ئامېرىكا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەرنى قوللاش بىلەن بىرگە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ زىيارەتكە قويغان شەرتلىرىدىن ئەندىشە قىلىدۇ، بۇ خىل چەكلىمە ئاستىدا زىيارەت قىلىش ئارقىلىق خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە تولۇق ۋە مۇستەقىل باھا بەرگىلى بولمايدۇ» دېگەن.

بىلىنكېن باياناتىدا يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى پۇقرالارنىڭ رايوننىڭ ۋەزىيىتىگە نارازى بولۇش ۋە بۇ ھەقتە ئاشكارا سۆزلىمەسلىك توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقىنى، خىتاينىڭ باچېلېتنى ئىز-دېرىكى بولمىغان ئۇيغۇر ئائىلە ئەزالىرى ۋە تۇتقۇن قىلىنغان نەچچە مىليون شەرقىي تۈركىستان خەلقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىمىگەنلىكىنى، باچېلېتقا ئەسلىدە لاگېرغا قامالمىغان بولسىمۇ، بىراق چەتئەلگە چىقىش چەكلەنگەن ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈش ھوقۇقى بېرىلگەن بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. شۇنداقلا باچېلېتنىڭ چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن مەخپىي كۆرۈشۈپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىگىلىشى كېرەكلىكىنى، ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پىلانىغا ئىشتىراك قىلغان ئالاقىدار كىشىلەر بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىشىغا، خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىنغان شەخسلەر بىلەن كۆرۈشۈشىگە رۇخسەت قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىلىنكېن باياناتىدا يەنە ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ يېڭىدىن ئاشكارىلانغان دوكلاتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا نەچچە مىليون ئادەمنىڭ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسپاتلىغانلىقىنى، جازا لاگېرلىرىدا قىيىن-قىستاق، مەجبۇرىي تۇغماس  قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، ئاياغ-ئاستى قىلىش ۋە بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىش قاتارلىق ۋەھشىيلىكلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، بۇلار ھەققىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ گۇۋاھلىق بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ باياناتىنىڭ ئاخىرىدا خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەھشىي قىلمىشلىرىنى دەرھال توختىتىشقا، ناھەق تۇتۇپ تۇرۇلغان كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشكە، ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاش ھەمدە شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى مۇستەقىل، توسالغۇسىز ھالدا تەكشۈرۈشكە يول قويۇشقا چاقىرىق قىلغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1010 قېتىم كۆرۈلدى
30/05/2022 15:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق