خىتاي تەنقىد سەۋەبلىك شىۋېيتسارىيەدىن ئۆچ ئالدى

شىۋېيتسارىيە ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدە خىتاينى ئەيىبلىگەنلىكى سەۋەبلىك، خىتاي رېجىمىنىڭ ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتىگە دۇچ كەلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 29-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شىۋېيتسارىيە ھۆكۈمىتى شىۋېيتسارىيە مەھسۇلاتلىرىدىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىش ۋە كېلىشىمنىڭ سىجىللىقنى ساقلاش ھەققىدىكى ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېلىشىمنى يېڭىلاشقا تىرىشقان. ئەمما شىۋېيتسارىيە ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدە خىتاي رېجىمىنى ئەيىبلىگەنلىكى سەۋەبلىك، خىتاي مەزكۇر كېلىشىم ھەققىدە سۆھبەتلىشىشنى رەت قىلىپ ئۆچ ئالغان.

شىۋېيتسارىيە بىلەن خىتاي ئىمزالىغان 2013-يىللىق ئەركىن سودا كېلىشىمى خىتاي-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئىقتىسادىي گەۋدە بىلەن ئىمزالىغان تۇنجى كېلىشىم بولۇپ، بۇنىڭدا تەرەپلەرنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشى تەكىتلەنگەن.

شىۋېيتسارىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئىشلار كاتىبات باشقارمىسى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ،  ھازىرغا قەدەر خىتاي بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك ئورتاق تېمىلاردا كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شىۋېيتسارىيەنىڭ بىر گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «خىتاي قاتمال ۋەزىيىتى» ماۋزۇلۇق خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، يېقىندىن بېرى شىۋېيتسارىيە خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى خاتىرىسىنى داۋاملىق تەنقىدلىگەن. شىۋېيتسارىيە پارلامېنتىدىكى بىر كومىتېتمۇ يېقىندا شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ھەقىقىي ئەھۋال ئىكەنلىكىنى تەستىقلاپ، خىتاينى ئەيىبلىگەن.

بىر قىسىم شىۋېيتسارىيە تاراتقۇلىرىمۇ خىتاينىڭ شىۋېيتسارىيە بىلەن تۈزگەن ئەركىن سودا كېلىشىمىنى يېڭىلاشنى رەت قىلىشى شىۋېيتسارىيەنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەنقىد قىلىشنى داۋاملاشتۇرغانلىقىدىن بولغانلىقىنى، خىتاينىڭ شىۋېيتسارىيەدىن بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ئۆچ ئالغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. خەۋەردە يەنە بۇ ھالەتنىڭ شىۋېيتسارىيە سانائىتى ئۈچۈن شۇم خەۋەر ئىكەنلىكى، چۈنكى شىۋېيتسارىيەنىڭ خىتايغا قىلىۋاتقان ئېكسپورت كۆلىمىنىڭ گېرمانىيە ۋە ئامېرىكىدىن قالسىلا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي ئىزچىل ھالدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى رەت قىلغاندىن باشقا، شىۋېيتسارىيەنىڭ كىچىك ئىقتىسادىي گەۋدە تۇرۇپ، خىتاينى توختىماي ئەيىبلىگەنلىكىنى، ئەيىبلەش بىلەن ھېچقانداق نەرسىدە ئۆزگىرىش بولمىغاندىن سىرت، ئاخىرقى ھېسابتا پەقەت ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بۇزۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تەھدىت سېلىپ كەلمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 979 قېتىم كۆرۈلدى
30/05/2022 15:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق