ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېتنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى ئاخىرلىشىپ، شەنبە كۈنى زىيارەت ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتى پۈتۈن دۇنيادا غۇلغۇلا قوزغىدى ۋە قاتتىق نارازىلىقلارغا سەۋەب بولدى. شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا ئۇنى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە چاقىردى.
مىشېل باچېلېتنىڭ شەنبە كۈنى خىتايدىن قايتىشتىن بۇرۇن ئېلان قىلغان باياناتى ۋە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئورگان تور بېتىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ھەرقايسى نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرى تەرىپىدىن بەس-بەستە تارقىتىلغان. باياناتقا ئاساسەن، زىيارەتنىڭ پۈتۈنلەي خىتاينىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بولغانلىقى، مىشېل باچېلىتنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالغا ئالاقىدار ھېچقانداق ئېنىق مەلۇماتقا ئېرىشەلمىگەنلىكى ھەققىدىكى ئانالىزلار كۆپلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
باچېلېتنىڭ باياناتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردە بۇ قېتىملىق زىيارەت ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان بىر تۈرمە ۋە ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى»نى زىيارەت قىلغان. ئۇ جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى گېزىتى مۇخبىرىنىڭ بۇ ھەقتە سورىغان سوئاللىرىغىمۇ تۈزۈكرەك جاۋاب بېرەلمەستىن، ئۆزىنىڭ قەشقەر تۈرمىسىنى ۋە بىر «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى»نى زىيارەت قىلغانلىقىنى ۋە تۈرمىدىكىلەرنىڭ ياتاق شارائىتلىرى ۋە ئەركىن پائالىيەتلىرىنى كۆرگەنلىكىنى، بۇنىڭ بىلەن كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە ئومۇميۈزلۈك باھا بېرىشكە ئامالسىز ئىكەنلىكىنى، شۇنداقتىمۇ ھۆكۈمەتكە بۇلارنى نازارەت قىلىدىغان مۇستەقىل ئەدلىيەنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەنلا كۇپايىلەنگەن.
مىشېل باچېلېت يەنە خىتاي دائىرىلىرىنى يىللاردىن بۇيان ئائىلىسى بىلەن ئالاقە قىلالمايۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشكە چاقىرغان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇنىڭغا نېمە دەپ جاۋاب بەرگەنلىكى تېخى نامەلۇم.
24-ماي BBC تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان ۋە دۇنيادا غۇلغۇلا قوزغىغان شەرقىي تۈركىستاندىكى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ مەخپىي ھۆججەتلىرىدىكى پولاتتەك پاكىتلار خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى دۇنياغا يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلاۋاتقان بىر پەيتتە، مىشېل باچېلېتنىڭ خىتايدىن قۇرۇق قول قايتىشى ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى نوپۇزىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مەسئۇلى سوفى رىچاردسون بۇ ئىشتىن ھەيران قالغانلىقى ۋە جىددىيلەشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق بۇ كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلدارى دۇنيادا ئىككىنچى چوڭ قۇدرەتكە ئىگە بولغان ۋە خەلقئارا قانۇننى ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتايغا باش ئەگدى. ئۇ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھەم خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان مەزگىلدە نەق شۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى ئەستايىدىل تەكشۈرمىدى، بۇنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى باش كاتىپى ئاگنېس كالامارد باچېلېتنىڭ باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «بۇ باياناتنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارىغا تەۋە ئىكەنلىكىگە ۋە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش تەس» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە باچېلېتنىڭ بايانلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە تىبەت ھەققىدىكى مەزمۇنلارنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ۋە ئۇنىڭ بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقاندا دۇدۇقلاپ قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئالدىمىزدىكى بىردىنبىر يول ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى تەييارلىغان ۋە ئۇزۇندىن بۇيان ئېلان قىلماي كېلىۋاتقان دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىدۇر. باچېلېت خانىممۇ سۆزىدە ئېيتقىنىدەك، ئائىلىسى بىلەن ئالاقە قىلالمايۋاتقان چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى خىتايغا بىلدۈرگەن بولسا، باچېلېتنىڭ ئىشخانىسى بۇنى يېقىندىن كۆزىتىشى ۋە خىتاي رېجىمىنىڭ تۇتقۇنلارنىڭ ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى ۋە ئائىلە ئەزالىرى بىلەن قەرەللىك ئالاقىلىشىش مەسىلىسىدە چىڭ تۇرۇشى كېرەك» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.
تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزمۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ھەقىقىي ئەھۋال كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدىن كۆپ ئېغىر، دەۋرىمىزدىكى ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئۇ قىلمىشنى سادىر قىلغۇچىلار تەرىپىدىن ‹ئىچكى مەسىلە› دەپ قارالدى. مىشېل باچېلېت شىنجاڭ دائىرىلىرىنى ئاقىلانە ئىش قىلغۇچىلاردەك كۆرۈپ قالدى، ئەسلىدە ئۇ مەزكۇر دائىرىلەر ئىجرا قىلىۋاتقان ئاتالمىش ‹ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش› سىياسىتىنىڭ خەلقئارا ئۆلچەمگە چۈشمەيدىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ بېقىشى كېرەك ئىدى» دېدى.
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بۇ ھەقتە نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلىپ، باچېلېتنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارەت جەريانىدا ئاللىبۇرۇن كۈچلۈك دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلىنىپ بولغان خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە كۆز يۇمۇپ، ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇتۇش» سىياسىتىنى قوللىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئەقەللىي پىرىنسىپلىرىنى دەپسەندە قىلغانلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. شۇنداقلا مىشېل باچېلېتنى ئىستېپا بېرىشكە، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىمۇ بۇ نۇقتىدىن ب د ت غا بېسىم قىلىشقا چاقىردى.
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىممۇ ئەلجەزىرە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، باچېلېتنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارەتتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىگە كۆز يۇمۇپلا قالماي، ئۇلارنىڭ تەرىپىنى ئالغانلىقىنى، باچېلېتنىڭ ب د ت دىكى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر