خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈر بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش پىلانىنى ئاشكارىلىدى

خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈر بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش پىلانىنى  ئاشكارىلىغان بولۇپ، 2025-يىلىغا بارغاندا كۆمۈر قېزىش مىقدارىنى 400 مىليون توننىدىن ئاشۇرۇشنى پىلانلىغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 27-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى كۆمۈر كان تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش ھەققىدە مەخسۇس تېمىلىق سىن يىغىنى ئاچقان بولۇپ، يىغىندا «14-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە، شەرقىي تۈركىستاندىكى كۆمۈر قېزىش مىقدارىنى يېڭىدىن 160 مىليون توننا كۆپەيتىش، ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىش، تولۇق قويۇپ بېرىپ، 2025-يىلى شەرقىي تۈركىستان بويىچە قېزىلغان كۆمۈر مىقدارىنى 400 مىليون توننىدىن ئاشۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەكىتلىگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، يېقىندا شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي دائىرىلىرى ئاتالمىش «شىنجاڭنىڭ كۆمۈر تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش چوڭ بازا قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە مۇلازىمەت قىلىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتقان. مەزكۇر لايىھەدە تەمىنلەش مۇقىم، پايدىلىنىش ئۈنۈمى يۇقىرى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق بولغان يېڭى ئەندىزە ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈر بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دائىرىلەر ئوتتۇرىغا قويغان ئاتالمىش «يولغا قويۇش لايىھەسى»دە يىرىك پىلان ئارقىلىق كۆمۈر بايلىقىنى ئېچىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، «14-بەش يىللىق يىرىك پىلان» بويىچە قۇرۇلۇش قىلىنىدىغان كۆمۈر كان تۈرلىرىنى پىلانلاش، زاپاس كۆمۈر كان تۈرلىرىنىڭ قېزىش ئىقتىدارىنى ئالغا سىلجىتىش، كۆمۈر بايلىقىنى ئېچىشنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار تەكىتلەنگەن.

يېقىندىن بېرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايغا سودا ساھەسىدە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشى، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئاپەت قاتارلىق ئامىللار سەۋەبلىك خىتاي ئىقتىسادىدا چېكىنىش بولغان. خىتاي ئۆز ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقلىرىنى كۈچەپ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشقا باشلىغان. خىتاي ئەسلىدە ئاۋسترالىيەدىن زور مىقداردا كۆمۈر ئىمپورت قىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئەيىبلەش قاتارلىق بىر قاتار سەۋەبلەر تۈپەيلى، ئاۋسترالىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى يىرىكلەشكەن. ئاخىرىدا خىتاي ئاۋسترالىيەدىن ئىمپورت قىلىۋاتقان كۆمۈرنى توختاتقان.

كۆزەتكۈچىلەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر ئاستى، يەر ئۈستى بايلىقلىرىنىڭ ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمى تەرىپىدىن ئىزچىل تۈردە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىۋاتقانلىقىنى، ھەر كۈنى مىليون توننىلاپ بايلىقنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇلۇۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يەنىلا قاتتىق نامراتلىق ۋە موھتاجلىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1315 قېتىم كۆرۈلدى
30/05/2022 11:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق