25-ماي ئەنقەرەدە «شەرقىي تۈركىستاندا نېمىلەر بولۇۋاتىدۇ؟» تېمىسىدا لېكسىيە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلغان.
مەزكۇر لېكسىيە يىغىنىنى ئىجتىمائىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئىسلام تەتقىقاتى ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىسى، ئەنقەرە ئىجتىمائىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى لېكسىيە سۆزلىگەن. ئۇ لېكسىيەسىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى، جۈملىدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تونۇشتۇرغان.
دوكتور ھاجى قۇتلۇق لېكسىيەسىدە يەنە BBC يېقىندا ئاشكارىلىغان، قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ساقچى دائىرىلىرىنىڭ مەخپىي ھۆججەتلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەھشىيانە جىنايەتلىرىنى دەلىل-ئىسپاتلىق بايان قىلىپ ئۆتتى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ