ئەنقەرەدە شەرقىي تۈركىستاننى تونۇشتۇرۇش كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى

27-ماي ئەنقەرەدە شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ۋە «ئىسمى ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ ئەنقەرەدە تۇنجى قويۇلۇشى مۇناسىۋىتى بىلەن چوڭ تىپتىكى يىغىلىش ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، جۈملىدىن ئالدىنقى كۈنلەردە ئاشكارىلانغان ساقچى ھۆججەتلىرى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈلدى.

مەزكۇر پائالىيەتنى «ئىنسانىيەت فىلىم گۇرۇپپىسى» تەشكىللىگەن بولۇپ، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەمكارلاشتى. پائالىيەتكە 66-نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ئائىلە ئىشلىرى ۋە ئىجتىمائىي خىزمەت مىنىستىرى زەھرا زۈمرۈت سەلچۇق خانىم، تۈركىيە دىنىي ئىشلار ۋەقفىنىڭ مۇتىۋەللى ھەيئىتىنىڭ 2-نۆۋەتلىك رەئىسى ئېھسان ئاچىق، ئۇيغۇرلاردىن سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفىنىڭ كونيا شۆبە رەئىسى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى باش كاتىپى ئابدۇرېشىت ئەمىن، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان، شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى رەئىسى تاھىر كۆكبايراق قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلدى.

پائالىيەتتە «ئىنسانىيەت فىلىم گۇرۇپپىسى» ئىشلىگەن «ئىسمى ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلغان بولۇپ، ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن ئەپەندى سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئىشغالىيەت تارىخى ۋە تېررور سىياسەتلىرىنى قەيت قىلىپ ئۆتكەندىن كېيىن، خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئاشكارا ھالدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە BBC يېقىندا ئاشكارىلىغان شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ مەخپىي ھۆججەتلىرىدىكى مىڭلىغان تۇتقۇنلارنىڭ سۈرەتلىرىنى ئېكراندا كۆرسىتىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پاكىتلىق ھالدا كۆرسىتىپ بەردى.

پائالىيەتتە يەنە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك كۈلتۈرى تونۇشتۇرۇلغاندىن باشقا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى، تۈرلۈك مەدەنىيەت ئۇتۇقلىرى تونۇشتۇرۇلغان سۈرەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى.

ئىنسانىيەت فىلىم گۇرۇپپىسى تۈلئاي گۆكچىمەن خانىمنىڭ رېژىسسورلۇقىدا ئىشلەپ تارقاتقان، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيەتنى تۈرك دۇنياسىغا تونۇشتۇرغان «ئىسمى ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنى تۈرمە ياكى جازا لاگېرلىرىغا تاشلاپ، سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقى، بۇ جەرياندا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تۈرمىلەردە ياكى جازا لاگېرلىرىدا قانداق قىيىن-قىستاقلارغا ئۇچرىغانلىقى، خىتاينىڭ ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى ئۆزىنىڭ ئېتىقادىنى، كۈلتۈرىنى قوغداش يولىدا قانداق كۈرەش قىلىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشىدىكى سەۋەبلىرى قاتارلىق نۇقتىلار گۇۋاھچىلارنىڭ شاھىتلىقى ۋە تۈرلۈك يوللار بىلەن ئېنىقلانغان دەلىل-ئىسپاتلار ئارقىلىق ئېنىق يورۇتۇپ بېرىلگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1079 قېتىم كۆرۈلدى
28/05/2022 12:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق