مىشېل باچېلېتنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى بۈگۈن ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر مىشېل باچېلېتنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىنى «خىتاينىڭ تەشۋىقات تۇزىقىغا چۈشكەنلىك» دەپ قارىدى.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسى 27-ماي بۇ ھەقتە خەۋەر ئىشلەپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېتنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى، ئۇنى خىتاينىڭ تۇزىقىغا چۈشتى، دەپ قارايدىغانلىقىنى قەيت قىلىپ ئۆتكەن.
خىتاينىڭ تەشۋىقات ئاپپاراتلىرى ھازىرغا قەدەر باچېلېتنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىنى ئۆز تەشۋىقاتى ئۈچۈن ئىشلىتىپ كەلگەن بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، باچېلېت ئۆزىنىڭ سۆزى ۋە زىيارىتىنىڭ خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىن بۇرمىلانغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن سىياسىي جاسارەت ۋە سەمىمىيەتكە موھتاج ئىكەن. ئەگەر باچېلېت بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تەييارلىقسىز بولغان تەقدىردە، باشتىلا شەرقىي تۈركىستانغا بارماسلىقى كېرەك ئىكەن.
مىشېل باچېلېتنىڭ زىيارىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى قىيىنغا چۈشكەن ۋە ئۇزۇنغا سوزۇلغان سۆھبەتنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى كوممۇنىستىك رېجىمىنىڭ تەشۋىقات تۇزىقىغا چۈشۈپ قالغان.
خىتاي تاراتقۇلىرى بىر نەچچە كۈندىن بېرى 70 ياشلىق باچېلېتنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى تەرەققىياتىغا يۇقىرى باھا بەرگەنلىكىنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلغان. ھالبۇكى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى ئىشخانىسى بولسا بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ، خىتاي ئورگان تاراتقۇلىرىنىڭ باچېلېتنىڭ سۆزلىرىنى بۇرمىلاپ نەقىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ پائالىيەتچىسى ئالقان ئاككاد فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا خىتاينىڭ بۇ زىيارەتتىن پايدىلىنىپ، ئۆز پىكىرلىرىنى تەشۋىق قىلغانلىقىنى، ئىنتايىن ناچار بولغان كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئاقلاشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يەنە بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ مەقسىتىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارىنىمۇ ئۆز ئىرادىسىگە بويسۇندۇرالايدىغانلىقىنى پۈتۈن دۇنياغا كۆرسىتىپ قويۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مىشېل باچېلېتنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى پۈتۈنلەي يېپىق تەرىقىدە داۋاملاشقان بولۇپ، بۇ جەرياندا شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى توغرۇلۇق ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن. ئۇ شەرقىي تۈركىستاندىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن، يەنى بۈگۈن كەچتە تور ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەت تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈپ تۇرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، يىغىندا بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش داۋامىدا ھەرىكەت ئەركىنلىكى بولغان-بولمىغانلىقى، يەرلىك كىشىلەر بىلەن كۆرۈشكەن-كۆرۈشمىگەنلىكى، شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىغا كىرگەن-كىرمىگەنلىكى ھەققىدە قىيىن سوئاللارغا دۇچ كېلىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ