خىتاي رېجىمى يولغا قويۇۋاتقان يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى خىتايلارنىڭمۇ نارازىلىقىنى قوزغىغان بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىيۇروكراتلىققا ۋە شەكىلۋازلىققا قارشى نامايىش قىلغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلىرى 26-ماي كەچتە مەكتەپ ھويلىسىغا يىغىلىپ، مەكتەپنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىدىكى نامۇۋاپىق قائىدىلەرگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن. ئوقۇغۇچىلار نامايىشتا «شەكىلۋازلىقنى يوقىتايلى»، «بىيۇروكراتلىقنى يوقىتايلى» دەپ شوئار توۋلىغان.
تور دۇنياسىدا تارقىلىۋاتقان سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى يەنە 28-ماي كەچتە كۇتۇپخانا مەيدانىدا نامايىشنى داۋاملاشتۇرۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، مەكتەپتىن مەۋسۇملۇق ئىمتىھان ۋاقتىنى، تەتىل، ئۆيىگە قايتىش ۋاقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان، شۇنداقلا مەكتەپتىن «جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتە قىلماسلىق، زىيارەت قىلماسلىق» توغرىسىدا ۋەدە بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ قايتا جانلىنىشى سەۋەبلىك تيەنجىندىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار بۇ يىل 1-ئايدا مەكتەپلەرنى تاقاش تەدبىرلىرىنى قوللانغان، ھەتتا ئوقۇغۇچىلاردىن يېڭى يىلنى تۇرۇشلۇق ئورنىدا تەبرىكلەشنى تەلەپ قىلغان. قامال قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغانلىقى، ئەمما ئوقۇتقۇچى ۋە مال ساتقۇچىلارنىڭ كىرىپ-چىقىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىلىشى نارازىلىق قوزغىغان.
تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ توردا تارقاتقان مۇراجىئەتنامە تىزىملىكىدە مەكتەپ تاقالغان مەزگىلدىمۇ يەنىلا يۈزتۇرانە دەرس ئۆتۈلگەنلىكى، مەكتەپ ئىچىدىكى توپلىشىش خەۋپىنىڭ ياخشى كونترول قىلىنمىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئوقۇغۇچىلار يەنە مەكتەپنىڭ تاقىلىشى سەۋەبلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كەتكەنلىكىگە ۋە ئىمتىھان ۋاقتىنىڭ نامۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى سەۋەبلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.
ئۇندىن باشقا، 23-ۋە 24-ماي كۈنلىرى خىتاي سىياسىي-قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىمۇ نارازىلىق ھەرىكىتى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىن مەۋسۇملۇق ئىمتىھان ۋاقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇرتىغا قايتىشىغا رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان. بۇندىن ئىلگىرى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ئالدىنقى مەزگىللەردە مەكتەپنىڭ ياتاق بىناسىنىڭ ئايرىپ توسۇۋېتىلگەنلىكىگە قارشى يىغىلىپ، نارازىلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
«4-ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسى»نىڭ خاتىرە كۈنى يېقىنلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىگە قارشى يىغىلىش، ئاشكارا قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ پارتلىشى خىتاي ئىچى-سىرتىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ