دوكلات: گۇگېل ۋە يۇتيۇب خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتىغا يول ئېچىپ بەرگەن

تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتى گۇگېل، بىڭ ۋە يۇتيۇب قاتارلىق تور سۇپىلىرىنىڭ ئىزدەش نەتىجىسىنى ئالدىغا چىقىرىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتلىرىغا يول ئېچىپ بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

خەلقئارالىق مۇستەقىل تەتقىقات ئورگانلىرىدىن بىرۇكىڭ ئىنستىتۇتى ۋە دېموكراتىيەنى قوغداش ئىتتىپاقى بىرلىكتە تەييارلىغان يېڭى دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ گۇگېل ۋە مىكروسوفت شىركىتىنىڭ ئىزدەش ماتورلىرى ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتاي ۋىرۇسىغا ئالاقىدار ساختا تەشۋىقاتلىرىنى ئۈنۈملۈك تارقاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تەتقىقاتچىلار مىكروسوفت شىركىتىگە تەۋە بولغان بىڭ ئىزدەش ماتورى، بىڭ خەۋەرلىرى ۋە گۇگېل شىركىتىگە تەۋە بولغان گۇگېل ئىزدەش ماتورى، گۇگېل خەۋەرلىرى ۋە يۇتيۇب قاتارلىق بەش مەنبەدىن «شىنجاڭ»، «ئۇيغۇر»، «ئادرىيان زېنز»، «كورونا ۋىرۇسى» قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتاي ۋىرۇسىغا ئالاقىدار 12 ھالقىلىق سۆزنىڭ 120 كۈنلۈك ئىزدەش نەتىجىسىنى توپلىغان ۋە كىشىنى چۆچۈتىدىغان خۇلاسىگە ئېرىشكەن.

گۇگېل ۋە بىڭ ئىزدەش ماتورىدىن «شىنجاڭ» دېگەن ھالقىلىق سۆزگە ئالاقىدار خەۋەرلەرنى ئىزدىگەندە، خىتاي ئورگان تاراتقۇلىرىنىڭ كەم دېگەندە بىر خەۋىرىنىڭ ئالدىنقى ئون ئىزدەش نەتىجىسى ئىچىگە تىزىلىش نىسبىتى %88 كە يەتكەن. يۇتيۇبتا بۇ ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، ئوخشاشلا «شىنجاڭ» دېگەن سۆزنى ئىزدىگەندە، خىتاي ئورگان تاراتقۇلىرىغا تەۋە ۋىدىيولارنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئون ۋىدىيونىڭ ئىچىدە بولۇش نىسبىتى %98 كە يەتكەن.

ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا بولسا، گۇگېل خەۋەرلىرى ۋە بىڭ خەۋەرلىرىدىن شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتاي ۋىرۇسىغا ئالاقىدار ھالقىلىق سۆزلەرنى ئىزدىگەندە، خىتاي ئورگان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرى ئومۇمىي نەتىجىنىڭ %22 نى ئىگىلىگەن. يۇتيۇبتا بولسا خىتاي ئورگان تاراتقۇلىرىنىڭ ۋىدىيولىرى ئومۇمىي ئىزدەش نەتىجىسىنىڭ %25 نى ئىگىلىگەن. بۇلار پەقەت خىتاي ئورگان تاراتقۇلىرىنى ئاساس قىلىپ ئېرىشكەن نەتىجە بولۇپ، خىتاينىڭ چەت ئەللىك ياللانما تەشۋىقاتچىلىرى يوللىغان مەزمۇنلارنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا، بۇ نىسبەت تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.

ھالبۇكى، گۇگېل ۋە يۇتيۇب خىتايدا پۈتۈنلەي چەكلەنگەن بولۇپ، مىكروسوفت شىركىتىنىڭ بىڭ ئىزدەش ماتورىمۇ خىتاي نۇسخىسىدىكى چەكلىك مۇلازىمىتى بىلەن خىتايدىكى مەۋجۇتلۇقىنى ساقلىماقتا. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، گۇگېل، بىڭ، يۇتيۇب قاتارلىق خەلقئارالىق تور سۇپىلىرىدا خىتاي ئورگان تاراتقۇلىرىنىڭ غايەت زور مىقداردىكى ئۇچۇرلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى، يەنە كېلىپ ئىزدەش نەتىجىسىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالالىشى ھەقىقەتەن كىشىنى چۆچۈتىدىكەن.

گۇگېل شىركىتى ۋول كوچىسى گېزىتىگە بىلدۈرگەن ئىپادىسىدە، شىركەتنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى قوغداش بىلەن بىرگە، تەسىر كېڭەيتىش ۋە تور نازارىتى ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. مىكروسوفت شىركىتىمۇ مەزكۇر دوكلاتقا قاراپ چىقىۋاتقانلىقىنى، شىركەتنىڭ ھەرۋاقىت ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 860 قېتىم كۆرۈلدى
28/05/2022 11:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق