قورچاق ئەمەلدارلار جىنايىتىنى كونا باھانىلەر بىلەن يېپىشقا ئۇرۇندى

شەرقىي تۈركىستاندىكى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئاشكارىلانغان ھۆججەتلىرى پۈتۈن دۇنيادا كۈنتەرتىپكە كەلگەن ۋە غۇلغۇلا قوزغىغاندىن كېيىن، قاتتىق بىئارام بولغان خىتاي دائىرىلىرى قورچاق ئەمەلدارلارنى قايتا ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، جىنايى قىلمىشلىرىنى ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكىنى تۈگىتىش» قاتارلىق كونا باھانىلەر بىلەن يېپىشقا ئۇرۇندى.

خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 24-ماي بېيجىڭدا شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار ئاخبارات ئېلان قىلىش ئۆتكۈزگەن. يىغىندا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىجرا قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان قورچاق ئەمەلدارلار ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان بولۇپ، ئۇلار: «بىز رايوندا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى قانات يايدۇردۇق. پۇقرالارنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقلىرى كاپالەتكە ئىگە» دەپ بىلجىرلىغان.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، قورچاق ئەمەلدار يالقۇن ياقۇپ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى پەردازلاشقا ئۇرۇنۇپ: «ھەر مىللەت ئاممىنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە زەربە بېرىش ھەققىدىكى جىددىي تەلىپى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەر شارىۋى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسىگە ئاساسەن، تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت قىلدۇق» دەپ بىلجىرلىغان.

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت»نىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۇ گۈيشياڭمۇ يىغىندا سۆز قىلىپ: «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى ھەققانىي تەدبىردۇر» دەپ بىلجىرلىغان.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى خەلقئارادا پاش بولۇپ، بىر تۈركۈم دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ خىتاينى ئەيىبلىشى بارغانچە كۈچەيمەكتە. خىتاي دائىرىلىرى بولسا شەرقىي تۈركىستاندىكى تېررور سىياسىتىنى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» دېگەندەك باھانىلەر بىلەن پەردازلاپ كەلمەكتە. بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئاشكارىلانغان خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ مەخپىي ھۆججەتلىرىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىرىدىن چۆچۈگەن خىتاي رېجىمى ھىيلە-نەيرەڭ ۋە يالغانچىلىقلىرىنى قايتا ئىشقا سېلىش ئارقىلىق، جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ يالغان دەلىل-ئىسپات ئويدۇرۇپ چىقىش، يالغان گۇۋاھلىق بېرىشكە مەجبۇرلاش، باھانە كۆرسىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ، شۇنداقلا مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىش، خىتاينىڭ تەشۋىقاتىدىكى ساختىپەزلىكنى پاش قىلىش، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى تەشۋىقاتنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئارقىلىق، خەلقئارادا خىتاينىڭ ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1602 قېتىم كۆرۈلدى
27/05/2022 15:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق