شەرقىي تۈركىستاندا يەنە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بايقالدى

ئالدىنقى مەزگىللەردە شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بايقالغانىدى. بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈنۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا يەنە سەككىز كىشىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان.

شەرقىي تۈركىستاندىكى سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتىنىڭ ئاخبارات بۆلۈمى 26-ماي شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن سەككىز كىشىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن بىمارلار بولۇپ، ھەممىسى ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىدا بايقالغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر بىمارلار 24-ماي بايقالغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن بىمارلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشقۇچىلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئايرىپ كۆزىتىش رايونىغا يۆتكەلگەن.

نۆۋەتتە، شەرقىي تۈركىستاندا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 16 گە يەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىكەن. رەسمىي دىياگنوز قويۇلغانلار بولسا ھازىرچە نۆل ئىكەن. يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشقان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئايرىپ كۆزىتىلمەكتىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1347 قېتىم كۆرۈلدى
27/05/2022 13:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق