تۇتقۇن قىلىش بىر قىسىم ئافرىقا دۆلەتلىرىدە چوڭ سودىغا ئايلانغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئافرىقىغا غايەت زور مەبلەغ سالغانلىقى سەۋەبلىك، خىتاي ئىشلەمچىلەر دائىم گۆرۈگە ئېلىش نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، نۆۋەتتە خىتايمۇ بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىشقا باشلىغان بولۇپ ، خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە نىگېرىيەدىكى شىركەت ۋەكىللىرى مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا سىن يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. ئافرىقىدىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان نىگېرىيە خىتاينىڭ مۇھىم شېرىكى بولۇپ، خىتاي يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە بۇ دۆلەتكە نەچچە مىليارد دوللار مەبلەغ سالغان. ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2020-يىلى نىگېرىيەدە ئىشلىگەن خىتايلار 9000 مىڭغا يېقىنلاشقان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، يېقىندا تۇتقۇن قىلىنغان بىر خىتاي كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ، تۇتقۇن قىلىنغان كۈنلىرىنى «دوزاخقا كىرگەن بىلەن ئوخشاش» دەپ تەسۋىرلىگەن. بۇ خىل تۇتقۇن قىلىنىش دېلولىرىنى يەرلىك قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار ياكى خىتاي تەرەپ ئاشكارىلاشنى خالىمىغاچقا، تۇتقۇن قىلىنغان خىتايلارنىڭ سانى ھەققىدە ئېنىق مەلۇماتقا ئېرىشىش قىيىن ئىكەن.
نۆۋەتتە نىگېرىيەدە ھۆكۈمەتكە قارشى ئىسلام تەشكىلاتى «بوكو ھەرەم» قاتارلىق تەشكىلات ۋە گۇرۇپپىلار بار بولۇپ، ئۇلار خىتاي ئىشلەمچىلىرى ۋە باشقا چەت ئەللىكلەرگە غايەت زور تەھدىت شەكىللەندۈرگەن. نىگېرىيە پىرېزىدېنتى مۇھەممەد بۇخارى ئىزچىل ھالدا قوزغىلاڭچىلار ۋە قوراللىق گۇرۇھلارغا زەربە بېرىشكە قەسەم قىلىپ كەلگەن بولۇپ، كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئالدىنقى ئايدا ماقۇللىغان يېڭى قانۇن لايىھەسىدە گۆرۈگە ئالغۇچىلارغا پۇل تاپشۇرۇش جىنايەت، دەپ بېكىتىلگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ