گېرمانىيە ئىقتىساد مىنىستىرى: ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن چۆچۈدۈم

گېرمانىيە ئىقتىساد مىنىستىرى يېڭىدىن ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەردە كۆرسىتىلگەن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زىيانكەشلىكتىن چۆچۈگەنلىكىنى، گېرمانىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 25-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ساقچى ھۆججەتلىرى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، گېرمانىيە ئىقتىساد مىنىستىرى روبېرت خابېك بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈگەنلىكىنى، گېرمانىيەنىڭ بۇندىن كېيىن خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، كىشىلىك ھوقۇققا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، سودىدا خىتايغا تايىنىشنى ئازايتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

روبىرت خابېك خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا رەھىمسىزلەرچە مۇئامىلە قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئىلگىرى دائىم چىقىپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ قېتىم ئاشكارىلانغان ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش، خورلاش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش توغرىسىدىكى خەۋەرنىڭ كىشىنى چۆچۈتىدىغانلىقىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇنىڭغا چوقۇم ئېنىق جاۋاب بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

خابېك بۇ ھەقتىكى باياناتىدا گەرچە خىتاي گېرمانىيەنىڭ مۇھىم سودا ھەمراھى بولسىمۇ، كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەتلەش قاتارلىق جەھەتتە مەسىلىسى بارلىقىنى، ئەمما گېرمانىيەنىڭ بۇنى ئۇزۇندىن بۇيان كۆرمەس بولۇۋالغانلىقىنى، بۇ قېتىم ھۆكۈمەت خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئېكسپورتنىڭ كۆپ خىللىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سودىدا خىتايغا تايىنىشنى ئازايتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەركىزىي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانالېنا بېربوكمۇ 24-ماي خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن ئۆتكۈزگەن سىنلىق سۆھبەتتە، يېقىندا ئاشكارىلانغان، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دوكلات ۋە يېڭى ھۆججەتلەرنى تىلغا ئالغان بولۇپ، خىتاينى بۇ مەسىلە ھەققىدە ئوچۇق-ئاشكارا چۈشەنچە بېرىشكە چاقىرغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 820 قېتىم كۆرۈلدى
26/05/2022 17:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق