خىتاينىڭ باچېلېتنىڭ سۆزلىرىنىمۇ بۇرمىلاپ خەۋەر قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى ئىشخانىسى خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق زىيارەت جەريانىدا باچېلېتنىڭ سۆزلىرىنى بۇرمىلاپ خەۋەر قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى ئىشخانىسى مىشېل باچېلېتنىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا قىلغان سۆزلىرى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ، خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ باچېلېتنىڭ سۆزلىرىنى خاتا نەقىل ئېلىپ ياكى خاتا سۈپەتلەپ خەۋەر يازغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قىلمىش ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ باچېلېتنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىنى پەردازلاپ، بۇرمىلاپ تەشۋىق قىلىشتەك يامان غەرىزىنى ۋە ئۇرۇنۇشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىكەن. شەنبە كۈنى ئاخىرلىشىدىغان ئالتە كۈنلۈك زىيارەت ئۈرۈمچى ۋە قەشقەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر يېپىق تەرىقىدە داۋاملاشماقتا.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارىنىڭ باياناتچىسى ئېلىزابېت سىروسېل ئامېرىكا ئاۋازىغا يوللىغان ئېلخەت ئۇچۇرىدا باچېلېتنىڭ خىتاينىڭ نامراتلىقنى تۈگىتىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ماختىغانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭ ھەرگىزمۇ خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بۇرمىلاپ خەۋەر قىلغىنىدەك: «خىتاينىڭ نامراتلىقنى تۈگىتىش، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تىرىشچانلىقى ۋە نەتىجىلىرىگە قايىللىقنى بىلدۈرگەنلىكى»دەك سۆزلەرنى قىلمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

سىروسېلنىڭ ئېيتىشىچە، باچېلېت: «خىتاي كۆپ تەرەپلىك ئورگانلاردا ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرسا بولىدۇ» دېگەن. ئەمما خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئېلان قىلغان ئىنگلىزچە يازمىدا بولسا ئەسلىدىكى مەزمۇن بۇرمىلىنىپ: «باچېلېت خىتاينىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىكنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ماختىدى» دەپ خەۋەر قىلىنغان.

ئۇندىن باشقا خىتاينىڭ ئىراقتىكى باش ئەلچىخانىسى تىۋىتتېر ھېسابىدا باچېلېتنىڭ سۆزىنى بۇرمىلاپ: «باچېلېت خىتاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشتىكى مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەبرىكلىدى» دەپ ئۇچۇر ھەمبەھرىلىگەن. ئەمما سىروسېلنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، باچېلېت ئەمەلىيەتتە: «بىز سەزگۈر، مۇھىم كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىمىز، بۇ زىيارەتنىڭ خىتاي ۋە دۇنيا مىقياسىدا كىشىلىك ھوقۇقنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش، ئورتاق تىرىشىشىمىزغا پايدىسى بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ ئالىي تۈر ئەمەلدارى پېتېر ئىرۋىن بۇ ھەقتە توختىلىپ، بۇ خىتاينىڭ بۇ زىيارەتنى تېخىمۇ نازۇك ئۇسۇل بىلەن ئۆزىگە پايدىلىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنىڭ ناھايىتى ئېنىق ئىكەنلىكىنى، خىتاي باچېلېتنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتى ئۈچۈن ئۈچ يىل تەييارلىق قىلغانلىقىنى، شۇڭلاشقا ئۆزلىرىنىڭ بۇ زىيارەتنى پايدىلىق دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇرمىلاپ يالغان خەۋەر تارقىتىش خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ كۆپ قوللىنىدىغان تاكتىكىلىرىدىن بىرى بولۇپ، 2019-يىلى 7-ئايدا خىتايدا زىيارەتتە بولغان تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغاننىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ خاتىرجەم ۋە پاراۋانلىق ئىچىدە تىنچ-ئامان ياشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن سۆزىنىمۇ بۇرمىلاپ، «ئەردوغان ئۇيغۇرلار بەختلىك ياشاۋاتىدۇ، دېدى» دەپ خەۋەر يازغانىدى ۋە زور غۇلغۇلىغا سەۋەب بولغانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1055 قېتىم كۆرۈلدى
26/05/2022 16:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق