خەلقئارا جەمئىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە چاقىرىق قىلدى

خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ كومپيۇتېر ئارخىپلىرىدىن ئېرىشكەن خىتاينىڭ جىنايەت پاكىتلىرى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خەلقئارا جەمئىيەت خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىش جىنايىتىنى تەكشۈرۈشكە چاقىرىق قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 24-ماي خىتاينىڭ جىنايەتلىرى ھەققىدىكى ھۆججەتلەر BBC تەرىپىدىن ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە تۈرلۈك تەشكىلاتلار ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالى ئەمەلدارى مىشېل باچېلېتنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى «خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتىغا يول ئېچىپ بېرىشى مۇمكىن» دەپ تەنقىد قىلغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 24-ماي ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا تاراتقۇلارنىڭ باچېلېتنىڭ زىيارىتى توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەن. ئۇ ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئالدى بىلەن مىشېل باچېلېتقا ئاشكارا بېسىم قىلىپ، ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى چەكلىمىسىز تەكشۈرۈشىنى كۈچلۈك تەلەپ قىلغانلىقىنى، خەلقئارادىكى شەرقىي تۈركىستاننى تەكشۈرۈش ھەققىدە چاقىرىق قىلغان دۆلەت ۋە ئورگانلارنىڭ «زىيارەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، توسالغۇلارنى پەيدا قىلغانلىقى»نى ئەيىبلىگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى» سادىر قىلغانلىقىنى، باچېلېتنىڭ بۇ زىيارىتىدە ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆرەلمەسلىكىدىن ئەنسىرىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇندىن باشقا بىر نەچچە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى يەنە باچېلېتنىڭ خىتاي زىيارىتىدە ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەننىڭ ئۈستىگە، خىتاينىڭ تەشۋىقات قورالىغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىنلىكىدىن ئەندىشە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقى مۇخبىرى باچېلېت ۋە ئۇنىڭ زىيارەت گۇرۇپپىسى شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇرۇنقى لاگېر تۇتقۇنلىرى بىلەن ئەركىن ھالدا سۆھبەت قىلالايدىغان-قىلالمايدىغانلىقىنى سورىغان بولسىمۇ، ۋاڭ ۋېنبىن بۇ سوئالغا جاۋاب بەرمىگەن.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مىشېل باچېلېت شەرقىي تۈركىستاندىكى زىيارىتىنى باشلىغان كۈنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ساقچىلارنىڭ خەۋەر تور بېتىدە كاشىلا كۆرۈلگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ تاسادىپىيلىق دەل 14 ئاخبارات ئورگىنىدىن تەركىب تاپقان خەلقئارالىق ئاخبارات گۇرۇپپىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ساقچىلار سىستېمىسىدىن قولغان چۈشۈرگەن ھۆججەتلەرنى ئاشكارىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1092 قېتىم كۆرۈلدى
25/05/2022 17:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق