ماشىڭرۈي: مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز

شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىدىن ما شىڭرۈي، قورچاق ئەمەلدار ئەركىن تۇنىياز، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن قاتارلىقلار 22-ماي ئاتالمىش «شىنجاڭ مۇزېيى»غا تەكشۈرۈشكە بارغاندا «مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» نامىدىكى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى قايتا تەكىتلىگەن.

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ماشىڭرۈي قاتارلىقلار تەكشۈرۈش جەريانىدا، شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ چىڭىتىلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىپ، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ئالاقىدار مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، ئاممىنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش» قاتارلىق تېررور سىياسىتى ئىبارىلىرىنى قايتا تەكرارلىغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئۇنتۇلدۇرۇش، تارىخىنى بۇرمىلاشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىدە ئاتالمىش «شىنجاڭ  مۇزېي»ىنىڭ كۆلىمىنى ئەسلىدىكىدىن ئۈچ ھەسسىگە يېقىن كېڭەيتىپ سالغان. 2-قارارلىق يېڭى سارايدا ئاتالمىش «شىنجاڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى» يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان. كۆرگەزمىدە خىتايلارنىڭ مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىش ئاساس قىلىنغان بولۇپ، بۇلار خىتاينىڭ تارىخىي يىلنامىسى بويىچە چىن سۇلالىسىدىن تارتىپ چىڭ سۇلالىسىغىچە بولغان قاتارلىق يەتتە بۆلەكتىن تەركىب تاپقان. مەزكۇر كۆرگەزمىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاتالمىش «خىتاينىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى»دەك بۇرمىلانغان تارىخنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش مەقسەت قىلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن 1570 پارچە كۆرگەزمە قىلىنغان.

خىتاي ئىشغالىيەت تارىخىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن باستۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، يېقىنقى مەزگىللەردە ئوچۇق-ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزمەكتە. كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىشى ۋە جازالىشىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، بىراق ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە خىتاي مەدەنىيىتىنى مەجبۇرىي تېڭىش بىلەن بىرگە، ئۆز جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىۋاتقانلىقىنى، تۈرلۈك تەشۋىقات ۋە پىلانلىق ئۇرۇنۇشلىرىنى تېخىمۇ كۈچەپ ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1127 قېتىم كۆرۈلدى
25/05/2022 17:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق