مىشېل باچېلېتنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ۋە كۈنتەرتىپكە كەلگەن بىر پەيتتە، BBC ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار يەنە بىر مۇھىم خەۋەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى زىلزىلىگە سالدى.
BBCئېلان قىلغان «خىتاينىڭ ئۇيغۇر يىغىۋېلىش لاگېرىدىكى چىرايلار» سەرلەۋھەلىك مەزكۇر خەۋەرنى بۇندىن بۇرۇن شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار كۆپلىگەن مۇھىم خەۋەرلەرنى ئىشلىگەن ب ب س نىڭ داڭلىق مۇخبىرى جون سۇدۋورس تەييارلىغان. خەۋەردە خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ كومپيۇتېر ئارخىپلىرىدىن ئېرىشىلگەن ئۇچۇرلار ئاشكارىلانغان بولۇپ، جازا لاگېرىدىكى 2900 غا يېقىن ئۇيغۇرنىڭ سۈرەتلىرى، شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ جازا لاگېرىدىن قېچىشقا ئۇرۇنغانلارنى ئىككىلەنمەي ئېتىپ ئۆلتۈرۈش ھەققىدە چۈشۈرگەن بۇيرۇقلىرى كۆرسىتىپ بېرىلگەن.
مەزكۇر ئۇچۇرلار خاككېرلارنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن قولغا چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، باشتا گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. ئادرىيان ئەپەندى بولسا بۇ ئۇچۇرلارنى بۇ يىلنىڭ بېشىدا BBC غا تەمىنلەپ بەرگەن. ئۇچۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى كونىشەھەر ناھىيەسىگە ئالاقىدار بولۇپ، سۈرەتتىكى تۇتقۇنلارنىڭ ئەڭ كىچىكى 15 ياشلىق قىز، ئەڭ چوڭى 73 ياشلىق موماي ئىكەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئاشكارىلانغان مەزكۇر سۈرەتلەر 2018-يىلى 1-ئايدىن 7-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا جازا لاگېرى ياكى تۈرمىلەردە تارتىلغان بولۇپ، خىتاي شۇ مەزگىلدە تەييارلاۋاتقان چىراي تونۇش ئۇچۇر ئامبىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. خاككېرلار ئېرىشكەن مەلۇماتلار يەنە تۇتقۇنلارنىڭ تىزىملىكىنى، جازا لاگېرىنىڭ ئىچىدە تارتىلغان بىر تۈركۈم سۈرەتلەرنى، شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ جازا لاگېرىدىكى تۈزۈملىرىگە ئالاقىدار مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
خەۋەردە تۇرسۇن مەمتىمىن ۋە ئايالى ئايشىگۈل تۇرغۇن مىساللارنىڭ بىرى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان. ئۇلارنىڭ ئۈچ پەرزەنتى بار بولۇپ، ئېرىشىلگەن سۈرەتنىڭ ئىچىدە ئۇلارنىڭ ئالتە ياشلىق ۋە ئون ياشلىق ئىككى قىزىنىڭ سۈرىتىمۇ بار ئىكەن. خەۋەردە ئاتا-ئانىسى جازا لاگېرىغا قامالغان بۇنىڭغا ئوخشاش بالىلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدە بىر قىسىم مەلۇماتلارنىڭ بارلىقى، يەنى ئۇلارنىڭ بالىلار لاگېرىغا ئەۋەتىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.
BBC بۇ بىر نەچچە ئاي جەريانىدا باشقا خەلقئارالىق ئاخبارات ئورگانلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، بۇ مەلۇماتلارنى رەتلەپ ۋە تەكشۈرۈپ چىققان. خەۋەر دەل ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېتنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى باشلانغان ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى. بولۇپمۇ سۈرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قايغۇلۇق ۋە قورقۇنچقا تولغان چىرايلىرى، يەنە كېلىپ بىر قىسىم ئۆسمۈرلەرنىڭمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار قاتارىدا بولۇشى مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قاتتىق قايغۇغا سالدى.
نۆۋەتتە، ئاشكارىلانغان مەزكۇر مەلۇماتلارنىڭ ھەممىسى «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» ناملىق تور بەتكە ئارخىپلاشتۇرۇپ چىقىرىلغان.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم