خىتاي ئاتالمىش «مۇستەقىل دوكلات»لار ئارقىلىق جىنايىتىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇندى

خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار ئاتالمىش «مۇستەقىل تەتقىقات دوكلاتلىرى» ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى، جۈملىدىن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇندى.

خىتاي رېجىمى يىللاردىن بېرى بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش»، «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا ئۆز يۇرتلىرىدىن سۈرگۈن قىلىپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سالسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي ئاققۇنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرۈش ئۈچۈن، يۇقىرى مائاش، ھەقسىز ئۆي، يەر بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاتالمىش «دوكلات»، «ئاق تاشلىق كىتاب»لارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.

خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمى 22-ماي شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار ئاتالمىش «شىنجاڭدىكى ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئاچقان. يىغىنىدا ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى»، لەنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى، غەربىي جەنۇب سىياسىي-قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتى، جىنەن ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئورگانلار 2019-يىلىدىن بۇيان ئېلان قىلغان ئون پارچىدىن ئارتۇق ئاتالمىش «مۇستەقىل تەتقىقات دوكلاتى» تىلغا ئېلىنىپ، «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئەھۋالى ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس. شىنجاڭنىڭ پاختا كەسپىدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ تۈرلۈك ھوقۇق-مەنپەئەتى كاپالەتكە ئىگە» دەپ جار سېلىنغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر «تەتقىقات دوكلاتلىرى»نىڭ ئاپتورلىرى بولغان ئاتالمىش مۇتەخەسسىسلەر، تەتقىقاتچىلار توردا ۋە تور سىرتىدا بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن يىغىنغا قاتناشقان. جۈملىدىن لەنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ پىروفېسسورى، «ئامېرىكىنىڭ ‹شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونى تىزگىنلەش›تىكى كىرىزىس سىياسىي سۇيىقەستى ۋە يولى» ناملىق ئاتالمىش دوكلاتنىڭ ئاپتورى لى جيې سۆز قىلىپ: «ئامېرىكا شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ۋە كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىشتا قولغا كەلتۈرگەن ئۈنۈمىگە سەل قاراپ، مەقسەتلىك ھالدا زىددىيەت ۋە قارشىلىشىش پەيدا قىلدى» دەپ بىلجىرلىغان.

يىغىنىدا خىتاي رېجىمى يەنە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» باھانىسى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىش جىنايىتىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنغان بولۇپ، بۇ ھەقتە ئاتالمىش «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ياشلىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى» ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان. دوكلاتنىڭ ئاپتورى تەن چۇنشۈ: «شىنجاڭلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەر سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىش جەريانىدا ئىقتىسادىي كىرىمى ئېشىپ، ئائىلە تۇرمۇش سۈپىتى ياخشىلاندى» دەپ بىلجىرلىغان.

ھالبۇكى، خەلقئارادىكى كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەر ۋە تەشكىلاتلار نۇرغۇن زاۋۇتلارنىڭ، بولۇپمۇ توقۇمىچىلىق زاۋۇتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا جايلاشقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىدىغانلىقىنى، بۇ زاۋۇتلارنىڭ دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنى مال بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى كۈچلۈك دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلاپ چىققان. نۆۋەتتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئىزچىل ئەيىبلىشىگە دۇچ كەلمەكتە. خىتاي رېجىمى بولسا جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ، جازا لاگېرلىرى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك ئورۇنلىرىنى ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش»، «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» دېگەن ناملار بىلەن پەردازلىماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1519 قېتىم كۆرۈلدى
24/05/2022 15:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق