ئامېرىكا: تەيۋەن ھۇجۇمغا ئۇچرىسا ھەربىي مۇداخىلە قىلىمىز

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن تەيۋەن ھۇجۇمغا ئۇچرىغان تەقدىردە، ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭغا ھەربىي مۇداخىلە قىلىدىغانلىقىنى، تەيۋەننى قوغداش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، پىرېزىدېنت بايدېن 23-ماي ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا بىلەن توكيودا كۆرۈشكەندىن كېيىن، مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەن. بىر مۇخبىر ئۇنىڭدىن: «كونكرېت سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇكرائىنا توقۇنۇشىغا ھەربىي مۇداخىلە قىلىشنى خالىمىدىڭىز. ئەگەر زۆرۈر تېپىلسا، تەيۋەننى قوغداش ئۈچۈن، ھەربىي مۇداخىلە قىلىشنى خالامسىز؟» دەپ سورىغان. بايدېن: «ھەئە» دەپ جاۋاب بەرگەن. مۇخبىر بۇنى قايتا تەكىتلەپ سورىغاندا، بايدېن: «بۇ بىزنىڭ بەرگەن ۋەدىمىز» دېگەن.

بايدېن يۇقىرىقى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلىپ: «بىز بىر خىتاي سىياسىتىگە قوشۇلىمىز. بىز بۇ ھەقتىكى سىياسەت ۋە قوشۇمچە كېلىشىملەرنى ئىمزالىدۇق. ئەمما قورال كۈچى ئارقىلىق (تەيۋەننى) ئېلىش مۇۋاپىق ئەمەس. بۇ پۈتكۈل رايوننى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ، خۇددى ئۇكرائىنادا يۈز بەرگەن ئەھۋالغا ئوخشاش» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن. ئاخبارات يىغىنىدىن كېيىن، ئاقساراي ئەمەلدارلىرى ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 23-ماي بۇ ھەقتە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكى، ئاتالمىش «ئىگىلىك ھوقۇق» مەسىلىسىدە ھېچكىم بىلەن سۈلھى قىلمايدىغانلىقى، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە ئالاقىدار كېلىشىملەرگە ئەمەل قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدىكى ئىبارىلىرىنى قايتا تەكرارلىغان.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 886 قېتىم كۆرۈلدى
24/05/2022 14:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق