خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 23-ماي مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېتنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىنىڭ يېپىق شەكىلدە بولىدىغانلىقىنى، ھېچقانداق مۇخبىر ئورۇنلاشتۇرۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېت تۈنۈگۈن خىتايغا يېتىپ بارغان بولۇپ، بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى زىيارىتىنى باشلىغان. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، باچېلېت 24-، 25-ماي كۈنلىرى ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردە ئىككى كۈنلۈك زىيارەتتە بولىدىكەن. ئەمما زىيارەتنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن تۈنۈگۈنكى ئاخبارات يىغىنىدا باچېلېتنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى توغرۇلۇق كۆپلىگەن سوئاللارغا دۇچ كەلگەن. كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى باچېلېتنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى جەريانىدا تاراتقۇلارنىڭ نەق مەيداندىن زىيارەت قىلالايدىغان-قىلالمايدىغانلىقىنى سورىغاندا، ۋاڭ ۋېنبىن بۇ قېتىملىق زىيارەتنىڭ يېپىق شەكىلدە داۋاملىشىدىغانلىقىنى، ئىككى تەرەپ مۇخبىر ئورۇنلاشتۇرماسلىق ھەققىدە كېلىشكەنلىكىنى، باچېلېتنىڭ كېيىنچە تاراتقۇلارغا زىيارەتنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى باچېلېتنىڭ زىيارەت مۇددىتىنىڭ پەقەت ئالتە كۈنلا ئىكەنلىكىنى، ئەگەر ئۇ كۈتكىنىدەك يېتەرلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلمىسە، خىتاي تەرەپنىڭ ئۇنىڭ پات يېقىندا قايتا زىيارەتتە بولۇشىغا رۇخسەت قىلىدىغان-قىلمايدىغانلىقى سورىغان. ۋاڭ ۋېنبىن بۇنىڭغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ: «مەن پەرەز خاراكتېرلىك سوئالغا جاۋاب بەرمەيمەن» دېگەن.
ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى باچېلېتنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى جەريانىدا تۈرمە، جازا لاگېرى ۋە «قايتا تەربىيەلەش لاگېرى» قاتارلىق ئورۇنلارنى زىيارەت قىلىدىغان-قىلمايدىغانلىقىنى سورىغان. ۋاڭ ۋېنبىن ئوخشاشلا سۆزىنى ئەگىتىپ: «خىتاي تەرەپ زىيارەتكە قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ. بۇ زىيارەتنىڭ مەقسىتى ئىككى تەرەپلىك ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش. بىز بۇ ئىشنى سىياسىي ئويۇن سۈپىتىدە پايدىلىنىشقا قارشى تۇرىمىز» دەپ جار سالغان.
باچېلېتنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى خەلقئارانىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغان بىر پەيتتە، ئۇنىڭ زىيارەت مەقسىتى ھەققىدىكى سۆزلىرى تېخىمۇ غۇلغۇلا قوزغىماقتا. بىلۇمبېرگنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، باچېلېت بىر قىسىم دىپلوماتلارغا ئېيتقان سۆزىدە بۇ قېتىملىق زىيارەتنىڭ تەكشۈرۈش ئەمەسلىكىنى، بەلكى كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش، قوغداش ۋە ھۆرمەتلەشنى نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ئالاقىدار دەلىل-ئىسپات توپلاپ كېلىۋاتقان ئامېرىكىلىق پائالىيەتچى جىن بۇنىن ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا بۇنىڭغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ: «بۇ ئەلۋەتتە تەكشۈرۈش ئەمەس. باچېلېتنىڭ تەكشۈرگۈدەك قابىلىيىتى ياكى ئىقتىدارى يوق. بولمىسا ئۇ ئاكتىپ ھالدا مۇتەخەسسىسلەر ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىزلار بىلەن مەسلىھەتلەشكەن، ئۇلارنى سەپىرىگە تەكلىپ قىلغان بولاتتى» دەپ يازغان.
نۆۋەتتە باچېلېتنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىنىڭ كونترول ۋە نازارەت ئاستىدا داۋاملىشىدىغانلىقى، خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق زىيارەتنى ئۇستىلىق بىلەن ساختا تەشۋىقاتلىرىدا كوزىر سۈپىتىدە قوللىنىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە پەرەز ۋە ئەندىشىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم